يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن 9 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئىلىدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. نىزام چىقىرىشتىكى تېما تاللاشتا، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىش كېرەك؛ نىزام چىقىرىش مۇھىم نۇقتىسىدا، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ نىزام چىقىرىش ئۈنۈمىدە، جەزمەن خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەش كېرەك؛ نىزام چىقىرىش تەرتىپىدە، جەزمەن لايىھە تەييارلاش، دەلىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قاراپ چىقىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «زىت كەلمەسلىك، خاسلىقى بولۇش، مەشغۇلاتچىل بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپنى ياخشى ئىگىلەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ تولۇقلاش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئىجاد قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى ياخشى قۇرۇپ، «بىر رەھبەرلىك بەنزىسى» «بىر كەسپىي كوللېكتىپ» «بىر خىزمەت تورى» «بىر يۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نىزام، قائىدە ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىك، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خىزمەت كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندىن ئىلگىرى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى، نىزام چىقىرىش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە «بىر قانۇن، بىر نىزام»نى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ خىزمەت قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت بەلگىلىمىسى لايىھەسى، نىزام، قائىدە، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى.

لى نىڭپىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى. يىغىن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىغىچە سىنلىق شەكىلدە ئۇلىنىپ ئېچىلدى.