ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىش

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

□شىن شىجيەن

باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئاممىسى ئەرزىيەت مۇلازىمىتى مەركىزىگە كېلىپ، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ ئەرزىيەتتىن ئىبارەت بۇ «ئىشىك ئالدىغا كەلگەن ئاممىۋى خىزمەت»نى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتتى ۋە نەمۇنە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەرزىيەت ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت، ئەرزىيەت يولى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئېنىقلاپ، خىزمەتتىكى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئۇنى ياخشىلاپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.» «خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش» پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا ئېنىق يېزىلىپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى» تۈزۈپ چىقىلىپ، ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىدارىسىدىن گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتقا تەڭشەلدى... ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. ئاممىۋى خىزمەت ئوبيېكتلىرى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرى تېخىمۇ كۆپ خىل، ئاممىۋى خىزمەت مۇھىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانداق قىلىپ پۇختا، ياخشى تۇتۇش شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشقا تېگىشلىك بولغان ئىدارە قىلىشقا دائىر رېئال ئىمتىھان سوئالىدۇر.

ئەرزىيەت خىزمىتى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم كۆزنەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىلى جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ھەمىشە جوزىنى چوڭ كوچىغا قويۇپ، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئۇلار ئەرز قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلدى؛ نىڭدېدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش كۈنىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كۈنىگە ئۆزگەرتتى؛ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، جىنخۇا پۇجياڭنى رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىدىغان، ئاممىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىدىغان بىرىنچى بېكەت قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىدىغان، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىدىغان يولنى ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن «ئاممىنىڭ كېلىپ ئەرز قىلىشىنى رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ھەقىقىي تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلق ئەھۋالىنى ھەقىقىي زىيارەت قىلىش، سەمىمىي كۆڭۈل بىلەن ئىش قىلىش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «پۇجياڭ تەجرىبىسى» شەكىللەندى. ئامما قەيەردە بولسا، نەزەرنى شۇ جايغا مەركەزلەشتۈرۈش؛ زىددىيەت قەيەردە بولسا، قەدەمنى شۇ جايغا تاشلاشتا چىڭ تۇردى؛ ئامما بىلەن بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملىدى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىدى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى، بۇ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ سىرى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەم «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىش، كېڭەيتىش، ھەم يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئەرزىيەتنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا ئەرزىيەتتە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ. «كىچىك ئىشلارنى كەنتتە بىر تەرەپ قىلىش، چوڭ ئىشلارنى بازاردا بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ قويماسلىق»، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 ـ يىللىرىدا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجى شەھىرى فېڭچياۋ بازىرىدىكى كادىرلار، ئامما ياراتقان «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى بىر بايراققا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تالاش ـ تارتىشنى «بىر پونكىت شەكلى»دە ھەل قىلىش مەركىزى، «ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتى» «سىردىشىش ئۆيى» قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زور بىر تۈركۈم زىددىيەت ـ ماجىرانى ئاساسىي قاتلامدا تۈگەتتى، بىخ ھالىتىدە تۈگەتتى. ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش بولۇپ، بىزدىن ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلام شەھەر ـ يېزا مەھەللىلىرىگە قويۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، دائىرىلىك باشقۇرىدىغان، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلغان ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

قائىدە بولمىسا ئىش پۈتمەيدۇ. مەيلى «پۇجياڭ تەجرىبىسى» بولسۇن، ياكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» بولسۇن، ھەممىسى ئەرزىيەت خىزمىتىدە قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇش، تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «چيۇ جۈنىڭ ئەرز قىلىشى» ناملىق كىنودا، كەنت ئاھالىسى چيۇ جۈ توختىماي يۇقىرىغا ئەرز قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. دەۋر ئۆزگەردى، جەمئىيەت ئىلگىرىلىدى، لېكىن ئاممىنىڭ ئەرزىيەت ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئىنتىلىش ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى. بۇ، قانۇنچىللىق يولىدا ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، ھوقۇق ـ مەنپەئەتنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشقا دائىملاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ بىر ئۇچى پارتىيە رايىغا باغلانغان، بىر ئۇچى خەلق رايىغا باغلانغان. خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشتۈرۈپ، مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ھەقىقىي تۈردە ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىگەندە، ئاندىن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىغىلى بولىدۇ.