ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ساياھەت ئاۋات مەزگىلىدىكى بازار تەرتىپىنى قوغدىدى

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 ـ تەرەپ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 6 مىليون 314 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 24 ـ كۈنىگىچە (دۇەنۋۇ بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %5.21 ئاشقان. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى بازار تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار كارخانىلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، باھا قىلمىشلىرى ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرغان.

7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىن 8 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە، تېكەس ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيە دائىرىسى ئىچىدە مېھمانخانا، مېھمانساراي، ياتاقلاردىكى ئادەتتىكى يالغۇز كىشىلىك ياتاق، ئۆلچەملىك ياتاق باھاسىغا قارىتا باھا كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يولغا قويىدۇ. «پۈتۈن ناھىيەدىكى 62 مېھمانساراي بەش دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، باھاسى 268 يۈەندىن 968 يۈەنگىچە.» بۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ كې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى باھاغا چەك قويۇش ئالدىنقى مەزگىلدە چۈشۈرۈلگەن «تېكەس ناھىيەسىدىكى مېھمانخانا، مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق باھاسىغا قارىتا كۆزىتىش ۋە باھا ئۆستۈرۈش نىسبىتىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئاساسىدا، ياتاقنىڭ بازار باھاسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەلىك مېھمانساراي كەسپىي جەمئىيىتى «توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى مېھمانخانا، مېھمانسارايلارغا قارىتا دەرىجىگە ئايرىپ باھا بېكىتىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى مېھمانخانا، مېھمانسارايلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، 1 ـ دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق باھاسى 600 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، 2 ـ دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق باھاسى 400 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، 3 ـ دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق باھاسى 300 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. توققۇزتارا ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى باھانى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش، تىل بىرىكتۈرۈپ باھانى ئۆستۈرۈش، باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ ساقلىنىۋاتقان قىلمىشلارغا قارىتا قەتئىي تەكشۈرۈپ زەربە بېرىدۇ، يۇقىرىقىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى»غا ئاساسەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، كورلا شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: تىجارەتچىلەر باھانى ئېنىق يېزىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، باھا ئالدامچىلىقى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باھانى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىشنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، ياتاق باھاسىنى كونترول قىلىۋېلىشنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى «يېمەك ـ ئىچمەك ساھەسىنى باھا سىياسىتى بويىچە ئەسكەرتىش ـ ئاگاھلاندۇرۇش خېتى»نى تارقىتىپ، يېمەك ـ ئىچمەك تىجارەتچىلىرىدىن باھانى ئېنىق يېزىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھا بەلگىسى، باھا تۈرى تولۇق بولۇش، باھا مەزمۇنى ھەقىقىي، ئېنىق بولۇش، خەتلىرى ئېنىق بولۇش، مال بەلگىسى مالنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىش، بەلگە كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى، بەلگىلەنگەن باھا سىرتىدا باھا قوشۇپ تاۋار ساتماسلىقنى، يېزىلمىغان ھەرقانداق ھەقنى ئالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مېھمانخانا، مېھمانساراي، ساياھەت ئائىلىۋى قونالغۇسى (چارۋىچىلار ئارامگاھى) ياتاق تىجارەتچىلىرىگە ئەسكەرتىش ـ ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتىپ، ھەرقايسى مېھمانخانا، مېھمانساراي، ساياھەت ئائىلىۋى قونالغۇسى(چارۋىچىلار ئارامگاھى)دىن ئەسكەرتىش ـ ئاگاھلاندۇرۇش تەلىپىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ باھا ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ئىمزالىغان توختام ۋە ئېلان قىلغان بازار باھاسىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ مۇشۇ ئاساستا باھا ئۆستۈرۈۋالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. مەنزىرە رايونى يەنە ئىشىك بېلىتى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ئويۇنى، كۆڭۈل ئېچىش تەسىراتى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنىڭ ھەممىسىدە باھانى ئۆستۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى مۇنداق ۋەدە بەردى: شىركىتىمىز بۇيلۇق، كارىز، نارات، قاناس، قۇمتاغ قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا قاتناشقان تىجارەت تۈرلىرىدە، ئىمزالىغان ھەمكارلىق توختامى ۋە ئېلان قىلغان بازار باھاسىنى ئىجرا قىلىدۇ. شىركەت يەنە ئىشىك بېلىتى، ئويۇن قويۇش، ساياھەت قىلىش، ئويناش تەسىراتى، مەززىلىك تائاملارنىڭ ھەممىسىدە باھانى ئۆستۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.