ئاساسىي كەسىپنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتتى −

ئاساسىي كەسىپنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كۈرەش نىشانىنى دەل جايىدا كۆزلەپ، پۈتۈن دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاساسىي كەسىپنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىمىزنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىمىز

«ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يولىمىزنى ئايدىڭلاشتۇردى، غەيرىتىمىزنى ئاشۇردى.» شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شېن جىنشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» «غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تىن ئىبارەت رايون ئورنى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، چوڭ ئەشيا ئوبوروتى، چوڭ سودا، چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا كۈچ قوشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور ليۇ راڭچۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا دىققەت ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا بېكىتىلدى، يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> ماركىسىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش»نى تەرەققىيات مەنزىلى قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ قىممەت يارىتىش ھەرىكىتىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىشنى ئاساسىي تۇتقا قىلىپ، گۇرۇھنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.

«پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. شىنجاڭ دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور چى شىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، سۈتچىلىك، ئۇرۇقچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئاساسىي يولى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى، خەلقئارا سودىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ كەسىپ بۆلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە غەيرەت بىلەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي كەسىپنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلىنىمىز.

ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولىمىز

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە دەپ كۆرسىتىلدى. شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى «تۈۋرۈك» «تۇراقلاشتۇرغۇچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» بايرىقىنى كۆتۈرۈشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان.

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل قېزىلما بايلىقىغا تايىنىپ، باشتىن ـ ئاخىر دىققەتنى كان ئېچىشتىن ئىبارەت ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، 73 يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات ئارقىلىق زورىيىپ، مەملىكەت بويىچە رەڭلىك مېتال كەسپىدىكى 1200دىن ئارتۇق كارخانا ئىچىدە ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپىدە 42 ـ ئورۇندا تۇردى. بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ رەڭلىك مېتال كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قاتناشقا مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپىدىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىسى بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تىجارىتى، قاتناش + ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى شىنجاڭ قاتناشقا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا زور كۈچ بىلەن داۋاملىق مەدەت بېرىپ، شىنجاڭ قاتناشقا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنى شىنجاڭنىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپىدىكى نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازىغا مەبلەغ سېلىش ـ ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان دۆلەت كارخانىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازى كەسپىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر سۈي يۈمياۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىللىق 200 مىليون كۇب مېتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى نىشانىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇرۇھنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش ـ ئېچىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بوش رايونلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە چوڭقۇر قىسىمدىكى كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك كۆلەملىك ئېچىشقا پۇختا ئاساس سالىمىز.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز

سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپ تەرەققىياتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى»غا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم ساياھەت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئاساسىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىگە مەبلەغ سېلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مول مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى مەھسۇلات ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.

دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى 1 ـ باج شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان مۇنبەت تۇپراق، باج تارماقلىرى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك باج ـ ھەق ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشى، جانلىق پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۆمۈر _ ئېلېكتىر _ نېفىت _ تەبىئىي گاز _ خىمىيە _ ماتېرىيالدىن ئىبارەت كۆمۈرنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرى ئەڭ ئۇزۇن كارخانىغا ئايلاندى. شىنجاڭ شىنيې گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور گو خۇيرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، گۇرۇھىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ۋە «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭدىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن كارخانا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆمۈردىن گاز ئېلىشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇشنى نىشان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، ياۋ گاڭ، رەن خۇ)