شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاۋاتلىقى پەسەيمىدى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «يېقىنقى بىر مەزگىلدە، قاراجون مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئەھۋالى بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى» دېدى 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى قاراجون مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ فېڭلى مۇخبىرغا.

7 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا كۈندىلىك كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى كۈندىلىك كۈتۈۋېلىش مىقدارى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى. مەسىلەن، 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى جەمئىي 166 مىڭ 192 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ تۇنجى كۈنى جەمئىي 170 مىڭ 356 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغانىدى.

شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ سانى سىجىل ئاشتى. 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن ئادەم قېتىم سانى بۇ يىلقى دۇەنۋۇ بايرىمى، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتچىلەر خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىدى.

مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدىكى ئاپتوموبىل سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىغا كىرگەن ئاپتوموبىل 15 مىڭ 703 ئاپتوموبىل قېتىم؛ 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى 17 مىڭ 252 ئاپتوموبىل قېتىم؛ 7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى 17 مىڭ 46 ئاپتوموبىل قېتىم؛ 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى 17 مىڭ 557 ئاپتوموبىل قېتىم بولۇپ، مۇقىم سەۋىيەدە تۇرغان.

3 ـ تەرەپ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 7 مىليون 880 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 24 ـ كۈنى(دۇەنۋۇ بايرىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە سېلىشتۇرغاندا %13.22 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 810 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، %14.22 ئاشقان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 6 مىليون 314 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، %5.21 ئاشقان؛ قەشقەر ۋىلايىتىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 249 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، %30.66 ئاشقان؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2 مىليون 502 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، %9.55 ئاشقان.

ۋۇ فېڭلى مۇنداق دېدى: 7 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، قاراجون مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىچىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، ئەركىن سەپەرگە چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى ئۆرلىدى، كوللېكتىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى سەل ـ پەل تۆۋەنلىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش مەنزىرە رايونلىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى، تېخىمۇ خاسلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.