شىنجاڭ 5000 كىلومېتىرغا يېقىن تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرىدۇ

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلىرىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى تۇتاشتۇرۇلمىغان ناھىيە، شەھەرلەردە، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىنى يۆتكەپ گاز ئالماشتۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىشتىن ئۈمىد بار بولدى.

7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاستتا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ قۇرىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 4977 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 14 تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭدا بەش تۈر بار بولۇپ، 4 مىليارد 660 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2863.5 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى كېڭەيتىپ قۇرۇلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا توققۇز تۈر بار بولۇپ، 7 مىليارد 990 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2113.5 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى كېڭەيتىپ قۇرۇلىدۇ.

جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور خۇاڭ يۇڭجاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىمالىي شىنجاڭدا جۇڭغار ئويمانلىقىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرىدىغان 2067 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 7 مىليون ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى، جەمئىي يەتكۈزۈلگەن گاز 65 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا 3037 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى قۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى 4 مىليون 300 مىڭ ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى، جەمئىي يەتكۈزۈلگەن گاز 50 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى.