ساياھەتچىلەر لاي ئويناشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى كۇلالچىلار ئائىلىسىدە خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«پاھ، بەك چىرايلىق ئىكەن!» «نادىر سەنئەت بۇيۇمى ئىكەن، داڭقى بىكار چىقماپتۇ!» 7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىدىكى بىر دۆڭدىكى «كۇلالچىلار ئائىلىسى» دۇكىنىغا كىرگەندە، ئۆيگە لىق تىزىلغان ساپال بۇيۇملارنى كۆرۈپ ساياھەتچىلەر بەس ـ بەستە ماختىشىپ كەتتى.

كىچىك ھويلىدا، تۇرسۇن رۇستەم بوۋاي ئوق تەخسىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سول قولىدا ساپال لېيىنى يېنىك يۆلەپ، ئوڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ساپال لېيىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە گىرۋىكىنى باستى. ئوق تەخسىسى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىپ، قەدىمىي تۈستىكى ئاددىي ساپال كوزا ئاستا ـ ئاستا شەكىلگە كىردى...

ئۇنىڭ قولىدا، يۇمشاق ساپال لېيىغا جان كىرگەندەك قىلاتتى. بىردەمدىلا، چوڭ ـ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، شەكلى ھەر خىل يېرىم تەييار ساپال بۇيۇملار ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

«مېنىڭ بارلىق ھۈنىرىم قولۇمدا.» تۇرسۇننىڭ تەلەپپۇزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى، «ساپال لېيىنى بىر كۈن تۇتمىسام، كەيپىياتىم بۇزۇلۇپ قالىدۇ».

ساپال ھۈنەر ـ سەنئىتى «لاي سەنئىتى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر ـ سەنئىتى مىڭ يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

«ئەنئەنىۋى قول ھۈنىرىنىڭ ھەممىسى قولمۇقول ئۆگىتىشتىن كېلىدۇ، ھەربىر ساپال بۇيۇمىنىڭ ھەممىسى يەككە بۇيۇم.» تۇرسۇن بوۋاي ساپال بۇيۇم ياساش جەريانىدا ھېچقانداق چېرتيوژ ۋە قېلىپ ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي قول سېزىمى ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىدىكەن.

«قانچىكى ئىنچىكە ئىشنى شۇنچە مۇكەممەل قىلىش كېرەك؛ ئىش تەرتىپى قانچىكى مۇرەككەپ بولسا، شۇنچە سەۋرچان بولۇش كېرەك.» يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك قەتئىي چىڭ تۇرغاچقا، تۇرسۇن بۇ قول ھۈنىرىگە نىسبەتەن ئادەتتىن تاشقىرى تەسىراتقا ئىگە بولدى.

بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن كۇلالچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، جەمەت كۇلالچىلىق دۇكىنىنىڭ 7 ـ ئەۋلاد ۋارىسى، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر ـ سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا لاي ئويناشقا ئامراق بولۇپ، بىر ئۆمۈر «لاي ئويناپ» قالتىس ھۈنەرگە ئېرىشىپ، «لاي سەنئەتكارى»غا ئايلاندى، «لاي ئويناپ» دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسىغا ئايلاندى.

«مەن ئىلگىرى بۇ ھۈنەر ـ سەنئەتنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.» تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قەشقەردىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ھەممىسىدە پەتنۇس ياكى ئىستاكان، چىنە ياكى لوڭقا دېگەندەك ساپال بۇيۇملار بار ئىدى. كېيىن، فارفور بۇيۇم، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قاچا ـ قۇچا قاتارلىق ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ تېز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ساپال بۇيۇملار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارىدىن چۈشۈپ قالدى، ياشلارمۇ بۇ ھۈنەر ـ سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ، ساپال بۇيۇملار كۈنسېرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ساپالچىلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، نۇرغۇن كىشى بۇ قەدىمىي ھۈنەر ـ سەنئەتكە قىزىقىدىغان بولدى. بوۋاي بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ، ھۈنىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئۆگىتىدىغان بولدى. «بۇ ھۈنەر ـ سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا ئەمدى ھېچقانداق مەسىلە يوق. مەن ئاخىر بۇ ئىشقا باش قاتۇرمايدىغان بولدۇم.» تۇرسۇن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر ـ سەنئىتى مۇكەممەل ساقلىنىپ، ھازىر قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ بىر نام كارتىسىغا ئايلاندى».

«بۇنى بىر جېجياڭلىق ساياھەتچى ئۆزى ياسىغان، ھازىر پىشۇرۇپ تەييارلاپ قويدۇم، بۈگۈن ئۇلارغا ئەۋەتىپ بېرىمەن.» تۇرسۇننىڭ قىزى ئايىمنىساگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ۋە ساپال بۇيۇملارنى ياساشنى سىناپ باقىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، دادام ئىنتايىن خۇشال بولدى، غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى».

بۈگۈنكى كۈندە «كۇلالچىلار ئائىلىسى»نىڭ سودىسى ئىنتايىن روناق تاپتى، تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يېتىدۇ. «قەدىمىي شەھەر ساياھىتىدە كاسات پەسىل يوق، كىرىمىمىز خېلىلا ياخشى.» تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھۈنەر ـ سەنئەتتە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە يېڭىلىق يارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ».

قاش قارىيىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قۇياش پاتقاندا، «كۇلالچىلار ئائىلىسى» جىمجىتلىققا قايتتى. مۇشۇ دەقىقىدە، يىپەك يولىدىكى مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن قەشقەر قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن ئىجادىيلىق ئارىسىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.