ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەكلىپى بېرىلدى

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەكلىپى بېرىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: «ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ تېجەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۇ تېجەش تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مۇھىم، زور تۈرىگە تېزدىن كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن»... 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش باش پونكىتىنىڭ يىغىن زالىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش» بويىچە مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاش يۇغۇرۇلغان يېزا ئىگىلىكى يېڭى تېخنىكىسى. شىنجاڭ سۇغىرىشقا تايىنىدىغان يېزا ـ ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئومۇمىي ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دىققەتنى بۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە كارخانا ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

كېڭىشىش يىغىنىدا، ئالاقىدار ساھەلەردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئېرىشكەنلىرى ۋە خىزمەت تەجرىبىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ كەڭ ـ كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ساقلانغان مەسىلىلەر ھەم ئالاقىدار تەكلىپلەر توغرىسىدا چوڭقۇر كېڭەشتى.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر باش تېمىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈردى، ئويلىغانلىرىنى يوشۇرماي ئوتتۇرىغا قويدى، قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. «بىز ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پۇقرالارنى بۇ تېخنىكىنى چىن كۆڭلىدىن ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىدىغان ھەم قوبۇل قىلىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى چېن جى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار ھەم پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تېخنىك خادىملارنى تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلامدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئالاقىدار تېخنىكىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

شىخەنزە داشۆ سۇچىلىق ـ بىناكارلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ۋاڭ جېنخۇا تېمىتىپ سۇغىرىپ سۇ تېجەش ساھەسىدە 20 نەچچە يىل چوڭقۇر ئىزدەنگەن بولۇپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولغان بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسىدىكى لاي ـ لاتقىلارنى پەلەمپەيسىمان ماس بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. «بىز شىنجاڭنىڭ سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى ۋاڭ جېنخۇا.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەسپىي تارماقلار، كارخانىلارنى قاراتمىلىق ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشكە ۋاقتىدا تەشكىللەپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكا تەركىبىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە تۈرتكىلىك رولى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

«بۇ قېتىمقى مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىدا راست گەپ قىلىش، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىش، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇرتاي يېجېبېك مۇنداق بىلدۈردى: يىغىندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا رەتلەپ، سىجىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز.