ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت سىستېمىسى:

ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەدەنىيەت ـ سەنئەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان ـ سارايلىرى مۇلازىمىتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سەنئەت ئورنى ـ ئۆمەكلىرىدىكى پارتىيەلىك تايانچلارنى تەشكىللەپ ئويۇن قويۇش شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇشنى سىجىل قانات يايدۇردى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسى نەتىجىسىنى تەكشۈردى.

«شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ 4 ـ قەۋىتىدىكى بۇ ئورۇن ئازادە ھەم تىنچ، ئورۇندۇقى راھەت بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا بېرىلىپ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدۇ. كومپيۇتېر رايونىدىكى توكلۇق كۆتۈرۈلۈپ ـ پەسىيىدىغان ئۈستەلمۇ بەك قالتىس ئىكەن ...» شياۋخۇڭشۇ بىلوگچىسى «جاۋ لۈيوۋ» توردا ئۆزىنىڭ شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان سۈرىتى ۋە سۈرەت سۆزىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئارقا ـ ئارقىدىن 100دىن ئارتۇق تورداش ئۇنىڭ بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى.

ئوقۇرمەنلەرنى ئازادە كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويدى، 1 ـ قەۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش رايونى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىق رايونلارنى ئېچىۋېتىش ۋاقتى سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە سائەت 22گىچە ئۇزارتىلدى.

«شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ ئېچىپ مۇلازىمەت قىلىشى نۇرغۇن ئوقۇرمەننىڭ ئارزۇسى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز بۇنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى كونكرېت تەدبىر قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ كېچىلىك مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى پايدىلىق سىناق.» شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۇتۇپخانا باشلىقى ۋاڭ شۇگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز بۇ خىزمەتنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ۋاقىتنى ئۇزارتىپ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز.

ئاممىنىڭ ئارزۇسى دەل تىرىشىش نىشانى. 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 6 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، تور سۇپىسىدا تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى تارقىتىپ، ئاممىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلدى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى پارتىيە ياچېيكىسى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 1 ـ قارارلىق سەنئەت كەچلىك كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى. سەنئەت كەچلىك كۇرسىدا ئافرىقا دۇمبىقى، يوگا، قائىدە ـ يوسۇن، خەتتاتلىق قاتارلىق تۆت سەنئەت تۈرىدە ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە كەچلىك تەربىيەلەش تەسىس قىلىندى.

سەنئەت كەچلىك كۇرسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شەھەرنىڭ كەچلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، شەھەر كېچىسىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ليۇ جۈن سەنئەت كەچلىك كۇرسىنىڭ يوگا دەرسىگە قاتناشتى، «شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇھىتى ياخشى، دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ مەشىق قىلىپ ناھايىتى مەنپەئەتلەندۇق، مۇشۇنداق تەربىيەلەش دەرسلىرىنىڭ دائىم ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

«بىز ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت ساراي (پونكىت)لىرىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ساراي باشلىقى جوۋ ۋېنلياڭ.

ئون ئىككى مۇقام سەنئەت نادىر ئەسىرىدىن ئارىيە «جۇلا»، نەيدە ئورۇنلانغان «باھار»، ئېتۇت «ئۇزىتىش»، قومۇل مۇقاملىرىدىن ئارىيە «ئەڭ گۈزەل»، گۇجېڭدا ئورۇنلانغان «قىز مۇھەببىتى»، چالغۇلاردا بىرلىشىپ ئورۇنلانغان «جۇڭخۇانى سۆيىمەن»... 6 ـ ئايدا، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدىكى پارتىيەلىك تايانچلاردىن تەشكىللەنگەن مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش كىچىك شۆبە ئەترىتى ئارقا ـ ئارقىدىن خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە باردى، 24 ئارتىس يېزا ـ كەنت چوڭ سەھنىسىدە ئىنتايىن يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە ۋە زامانىۋى پۇراققا ئىگە ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئورۇنلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى، مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى، سېرك ئۆمىكى، ئوپېرا ئۆمىكى، دىراما ئۆمىكى قاتارلىق ئورۇنلار «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ـ سەنئەت كىچىك شۆبە ئەترىتى، كەسپىي ئورۇن ـ ئۆمەكلەر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە 670 مەيدان ئويۇن قويۇپ، 72 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى.

«ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت سىستېمىسىدىكىلەر ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ 1000 مەيداندىن ئارتۇق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىنى قانات يايدۇرۇپ، 299 مىڭ ئادەم قېتىم ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 39 ناھىيە، شەھەردىكى 458 يېزا ـ بازاردا «شىچۈ تىياتىرىنى يېزا ـ كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر يېزا ـ بازاردا ھەر يىلى ئالتە مەيدان ئويۇن قويۇپ بەردى؛ شىنجاڭ چۈزى تىياتىرى، شىبە مىللىتىنىڭ «خاندۇ باھارى» ناملىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىياتىر تۈرىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر يەن نەيمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت ـ ساياھەت سىستېمىسى باش تېما تەربىيەسىنىڭ «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تەمىناتىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ مول، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.