ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

جاڭ چۇنلىن ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدە مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى

ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدىكى خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، غايە ـ ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى تاۋلاپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەدە زور دەرىجىدە ئازاد بولۇش، ئىقتىدارنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش، خىزمەتنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىيالېكتىك تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كان، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى، يول قاتنىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك بۇيۇملار ساھەسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىدا، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، پارچە كۆمۈرنى تۈزەش ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنى تۈزەشكە چىڭ كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، 25 ـ قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.