جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي، خۇاڭ يۇڭجاڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە، قەلبنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور خۇاڭ يۇڭجاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق تەدبىرلەرنى دوكلات قىلدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە، بولۇپمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىلمىي، سىستېمىلىق پىلانلاپ يولغا قويۇپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر پۈتكۈزۈش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ سۈپەتنى مەنبەدىن كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، خاتىرجەم قۇرۇلۇش بەرپا قىلىش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ كېڭىيىش مىقدارىنى يېتەرلىك قالدۇرۇپ، تەبىئىي گاز بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن تىجارەتنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى بالدۇر پىلانلاپ، قۇرۇلۇشتىن ياخشى پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ياخشى باشقۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

خۇاڭ يۇڭجاڭ مۇنداق بىلدۈردى: جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چارلاش ـ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەبىئىي گاز بايلىقىنى يۆتكەش ـ تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشىدۇ. كارخانا بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ تېخنىكا، ئىقتىساد جەھەتتىكى سېلىشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. شىنجاڭ بولسا جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ زاپاس مىقدارنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى باسقۇچنى باشلاپ، يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلار جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى تەبىئىي گاز سېتىش غەربىي قىسىم شۆبە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىدىن ئىبارەت مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئۈچ ئورۇن بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، خۇاڭ يۇڭجاڭ، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، جىن جىجېن، ليۇ شىنجيەن، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى ھەم قارىمىقىدىكى كارخانىلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت، مەمۇرىي مەھكىمىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.