مۇزىكا ئىچىدە زامان - ماكاندىن ھالقىپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

ئىليار پولات:

مۇزىكا ئىچىدە زامان - ماكاندىن ھالقىپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

«تۇرمۇشقا دائىملىق چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ خەلق ناخشا - قوشاقلىرىنى توپلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇزىكا خام ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، رەتلەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىنى سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى شەكلىدە سەھنىدە نامايان قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم» دېدى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كومپوزىتورى ئىليار پولات. يېقىندا 7 - نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى، ئۇ ئىجاد قىلغان مىللىيچە سىمفونىيەلىك مۇزىكا «چۈشىدە قىزىل مىڭئۆيگە قايتىش» مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئىليار پولات مۇزىكانت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ بوۋىسى ئىلگىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كومپوزىتورى، چاڭ چالغۇچسى ئىدى، دادىسى پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باش چاڭ چالغۇچىسى، قوشۇمچە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئىدى. ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، ئىليار كىچىكىدىنلا مۇزىكىغا قويۇق ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئۆتكەن. 2014 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ يۇرتىغا قايتىشنى تاللاپ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان.

خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئىليار شىنجاڭ مىللىيچە مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن پائال كۈچ چىقىرىپ شىنجاڭنىڭ مىللىيچە مۇزىكىلىرىنى سىمفونىيەلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى. مۇقام كۈي شەكلى، كۈي خۇسۇسىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، ئۇ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، بىر قاتار مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە «چۈشىدە قىزىل مىڭئۆيگە قايتىش»مۇ بار.

ئىليار مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ئەسەر ئەسلىدە ئىدارىدىكى بىر ئۇسسۇل رېژىسسورىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئۇسسۇل مۇزىكىسى ئىدى. 2017 - يىلى كۈزدە، ئۇ رېژىسسور كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر ئۇسسۇل ئەسىرى ئىشلەش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى، ئەسەردە بىر ئۇسسۇلچىنىڭ چۈشى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، قىزىل مىڭئۆيگە كىرىپ تام رەسىملىرىدىن ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، تام رەسىملىرىدىكى پېرسوناژلار ئويغىنىپ، ئۇسسۇلچى بىلەن بىر مەيدان چۈش سەپىرى قىلىدۇ. بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىليار ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئىجادىيىتىنى تاماملىدى.

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ ئۇسسۇلنى ئىشلەش - رېپېتىتسىيە قىلىش تاماملانماي قالغانىدى، ئەينى چاغدا ئىليار ئىلتىماس قىلغان چوڭ تىپتىكى مىللىيچە مۇزىكا چاتما كۈيى «بالىلىق چاغلاردىكى مەنزىرە. يىپەك يولىدا ئارزۇغا ئىنتىلىش» جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات - بىلىم ئاشۇرۇش يۇرتى تەرىپىدىن «قول تۇتۇشۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» مۇزىكا ئىجادىيىتى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «چۈشىدە قىزىل مىڭئۆيگە قايتىش»نى بۇ چاتما كۈيگە كىرگۈزۈپ، بۇ ئەسەرنى مىللىيچە سىمفونىيەلىك مۇزىكا قىلىپ ئىشلىمەكچى بولدى.

كېيىن، ئىليار قىزىل مىڭئۆيگە بېرىپ خەلق ناخشا - قوشاقلىرىنى توپلاپ، قىزىل مىڭئۆيدىكى تام رەسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، نەپىس تام رەسىملىرىدىن كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ چۈشەندى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىليار «چۈشىدە قىزىل مىڭئۆيگە قايتىش» ناملىق مىللىيچە سىمفونىيەلىك مۇزىكىنى بىر يولدىلا ئىشلەپ پۈتتۈردى.

«ئىجادىيەت جەريانىدا، مەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى، شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتنىڭ خەلق ئىچى مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭ مىللىيچە چالغۇلىرىنىڭ خاس مۇزىكا تىلىنى زامانىۋى ئىجادىيەت ۋاسىتىسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، قەلبىمدىكى مۇزىكىنى ئىجاد قىلدىم» دېدى ئىليار.

ئىجادىيەت جەريانىنى ئەسلەپ، ئىليار ئوركېستىرنىڭ ئوركېستىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتتى. «شىنجاڭ ئوركېستىرىنىڭ ئوركېستىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى، چالغۇلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا پىشىپ يېتىلگەن نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللەنمىگەن، پەقەت ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبە توپلىنىدۇ.» بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىليار شىنجاڭ چالغۇلىرىنىڭ كۆپ خىل گۇرۇپپىلىنىش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، ئاۋاز بۆلىكىنى كېڭەيتىش - تولۇقلاش ئۈچۈن، يەنە بىر قىسىم غەرب چالغۇلىرى، قوش مۇزىكا تىلىلىق چالغۇ قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئوركېستىرنىڭ ئەمەلىي ئاۋاز ئۈنۈمىگە بىرلەشتۈرۈپ قايتا - قايتا ئۆزگەرتىپ، سىلىقلاپ، مۇزىكىنى ئىپادىلەش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

2021 - يىلى ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم ئەدەبىيات - سەنئەت بويىچە مەدەت بېرىش - رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىنى تەسىس قىلدى، ئىليار بۇ ئەسەرنى تاماملانغان ئەسەرلەر بويىچە مەدەت بېرىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىپ، داۋاملىق سىلىقلاپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قىسمەن بۆلەكلەرگە ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارنى قوشتى. ئاخىرىدا سەككىز مىنۇتقا يېقىن بولغان بۇ مۇزىكا ئەسىرى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: بۇ ئەسەر قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىدە نامايان قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ھازىرقى زامان ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى ھەيۋەتلىك قىزىل مىڭئۆيگە باشلاپ كىرىپ، زامان - ماكاندىن ھالقىپ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەپىرىگە ئېلىپ بارىدۇ، ئەسەرنىڭ مېلودىيە ئۇسلۇبى قويۇق، مىللىيچە چالغۇلار ۋە كۈي شەكلىنىڭ ئىشلىتىلىشى تەبىئىي، راۋان، ئوركېستىرلاشتۇرۇش ۋە مۇزىكا قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، مۇكەممەل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەتلىك چالغۇ ئەسەرلىرىنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭ مىللىيچە ئوركېستىرىنى ئوركېستىرلاشتۇرۇش، چالغۇلاشتۇرۇش، ئاۋاز تۈسى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بويىچە مەدەت بېرىش - رىغبەتلەندۈرۈش تۈرى كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت كەيپىياتىنى جانلاندۇردى.» ئۇدا ئۈچ يىل بۇ رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىگە ئېرىشكەن ئىليار مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە مول ئەدەبىيات - سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم، پۈتۈن كۈچۈم ئارقىلىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياخشى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.