قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

تومۇز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى كۆپلىگەن رەھبەرلەر، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت كارخانىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ «قولى» ۋە «پۇتى» بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئورنى مۇھىم، رولى ئاچقۇچلۇق، تەڭداشسىز.

ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، بۇ سۆھبەت يىغىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا ۋاقىتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھەرقايسى كارخانا ۋەكىللىرىگە بېرىلگەن بولۇپ، تەرەققىيات ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، كەڭ - كۇشادە پىكىر - تەكلىپ بېرىلدى.

«<نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق>نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىدىكى ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ساھەدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىشىدا تېخىمۇ شۇنداق.» شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ پىڭياڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: لېكىن پەقەت كارخانىلارغىلا تايىنىپ تۈرتكە بولۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، تۈر ۋە بايلىقنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى سەمىمىي ئىلتىماس قىلىمەن.

«سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى گەرچە قەدەمنى ياخشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ». شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شى چۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى، سۇ ھوقۇقىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسى، ئۇنىۋېرسال سۇ باھاسى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاپ، گۇرۇھنىڭ ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسىپ تۈرلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭجياڭ تەكلىپ بېرىپ.

قىيىنچىلىقنى سۆزلىگەندە، يۈزتۇرا سۆزلەپ، ئۇدۇل ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشتى؛ تەكلىپ بەرگەندە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى.

كارخانا ۋەكىللىرى سۆز قىلىۋاتقاندا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پات - پات ھەمتۈرتكە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيداندا ئەقىل كۆرسەتتى.

«بىر تۈركۈم كۈچلۈك دۆلەت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسىپنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نى تىرەك قىلغان شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

«دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى توغرا تېپىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەن ھالدا توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۆزىمىزگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك».

«تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۈچ قوشۇش كېرەك».

ھەربىر جۈملە سەمىمىي جاۋابنىڭ ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەڭ ئىلگىرىلىشىدىكى بىرىكمە كۈچنىڭ توپلىنىشى بار. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ كۈچ كارخانىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىشەنچ ۋە غەيرەت قوشتى.

«تەرەققىيات داۋامىدىكى قىيىنچىلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەر ئالدىدا، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، بەلگىلەنگەن نىشان ۋە يۆنىلىشكە قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تىرىشىپ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى يېڭىمىز!»

«دىققەتنى ئوقەتچىلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ، تەشكىللەش، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېتەكچى كارخانا، باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىمىز!»

«ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا بىر نىيەتتە بولۇپ، تولۇق غەيرەتكە كەلگەندىلا، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى چوقۇم يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەقىقىي باشلامچىغا ئايلىنالايدۇ!»

قۇياش غەربكە پاتقاندا، كەچكى شەپەق پارلاپ تۇراتتى. يىغىن ئاخىرلاشتى، ئاڭلاپ قانماسلىق، سەمىمىي، كەڭ كۇشادە پىكىرلىشىش يىغىنغا قاتناشچىلىرىنىڭ ئورتاق تەسىراتى بولدى.

يىغىن مەيدانىدىن چىققاندا، كارخانا ۋەكىللىرىنىڭ قەدىمى سالماق ھەم مەزمۇت ئىدى.