ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، سانائەت باغچە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم بازىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق يازلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى تەمىنات ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆمۈرنىڭ ئىلغار ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى سىجىل زورايىتىش؛ نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايىتىپ، تەبئىي گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سانائەت باغچە رايونىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلاشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باغچە رايونىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، «باغچە رايونى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى توپلاش، كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق توپلاشتۇرۇش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باغچە رايونىنى يېتەكچى كەسىپلەرنى پەرقلىق يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، كىرىشتۈرۈپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىسىتېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، دۆلەتنىڭ تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئەشىيا ئوبوروتىنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىق، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. «يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»كە تولۇق ئامىللىق كاپالەتلىك قىلىشنى زورايتىپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئالداش، ساياھەتچىلەرنى قاقتى - سوقتى قىلىش ھادىسىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش مۇھىتىنى يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ مول بولغان ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى دەرىجىگە ئايرىپ تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كان بىخەتەرلىكى بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، كانلارنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىر قار سۈيى كەلكۈنى كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل ھەم يازلىق يىغىم، كۈزلۈك تېرىمنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇش ئەھۋالى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كونا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تورىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.