خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئالاقە نۇقتىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

سايباغ رايونىغا جايلاشقان يۆمىڭلوۋ توپ سېتىش بازىرى، چاڭشېڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىغا كىرىپ، نۇرلان ئەبىلمەجىن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. توپ سېتىش بازىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، سۇپا قۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى 5000 مو ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى خاسلىققا قويۇپ، ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يەر بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشان رايونى ئۇلانباي كەنتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاساس قىلىنغان ئائىلە ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى. نۇرلان ئەبىلمەجىن كەنتكە كىرىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش، ساياھەتچىلىك بويىچە پىلانلاش، قۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش يولىدا تولۇق ئىشەنچكە، تولۇق غەيرەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت سىستېمىسى ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى بولغان مۇھىت ۋە تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ، ساياھەتچىلىك يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۇلانباي قەدىمىي شەھەر خارابىسىدە نۇرلان ئەبىلمەجىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان ھېسسىيات رىشتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.