​ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年07月04日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

​ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

​خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى


7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)غا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي گەنچۈەنپۇ 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدا، تۈر قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر تورىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىگىلىمەكتە. □ليۇ جيا فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)غا كېلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى ماتېرىيال، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)نىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار بىلەن تەپسىلىي پاراڭلاشتى. جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى، شىنتې ئېنېرگىيەسى، جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان قاتارلىق يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ماسلىشىش، يۈرۈشلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە، يېشىل خىمىيە سانائىتى تەرەققىياتى توغرىسىدا نەق مەيداندا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىرەك بولۇش، يېتەكلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. گەنچۈەنپۇ 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كاپالىتى خىزمىتىنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئېلېكتىر كۈچى تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات كۆلىمى ۋە سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تىرەكلىك كۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىدىغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدا يېشىل توك بىلەن مۇقىم، ئۈنۈملۈك تەمىنلەش، ئۆز جايىدا ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتىلغان سىياسەت، ئامىل قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.