باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ يېڭى سەھىپە پۈتىمىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشتە ئالدىدا ماڭىمىز

日期:2023年07月04日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 8 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى سىستېمىلىق پىلانلىدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ يېڭى سەھىپە پۈتىمىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشتە ئالدىدا ماڭىمىز.

بىرىنچى، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز

ئالاھىدە سىياسەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن چىقىش قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا بىر قاتار ئالاھىدە بولغان مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى قوللىنىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چۆرىدىلىپ، يېتەكلەش خاراكتېرىگە، ئىجادىي خاراكتېرگە، بۆسۈش خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم كونكرېت تەدبىرلەر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى(2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرى»دە ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش - پىلانلاش بار، ھەم كونكرېت مەبلەغ مەدىتى بار بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئائىت بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۆسۈش خاراكتېرى زور، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، قىممىتى يۇقىرى، بۇ، بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز، ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور سىياسەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، كىم دەرھال ھەرىكەتكە كېلەلىسە، پۇرسەتنى تۇتالىسا، شۇ تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بىز پۇرسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىياسەتنى كۆڭۈل قويۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە تەلىپىنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسى ۋە يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچ سەرپ قىلىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، تىزىملىك تۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ سىياسەت پايدىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، ئالاھىدە سىياسەتنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولى ۋە گىرەلىشىپ تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت پۇرسىتىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتتا غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە ئايلاندۇرىمىز.

ئىككىنچى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىمىز

بايلىق ئەۋزەللىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك. ئاقسۇ ۋىلايىتىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق تۈرلۈك ئېنېرگىيە بايلىقى مول. نۆۋەتتە، تەۋەلىكىمىزدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 3 مىليارد 121 مىليون توننىدىن، تەبىئىي گاز زاپىسى 2 تىرىليون 300 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، تارىم ئويمانلىقىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %80ى، %90ىنى ئىگىلىدى؛ جەمئىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى زاپىسى 5 مىليارد 366 مىليون توننا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كوكس كۆمۈرى زاپىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %80ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپىنچىسى تۆۋەن گۈڭگۈرتلۈك، تۆۋەن فوسفورلۇق بولغان، يۇقىرى ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كوكس ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر؛ ھەر خىل قېزىلما بايلىقتىن 83ى بايقالدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسىغا ئىگە كان تۈرى 34 خىل؛ كۇچا - باي كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ مېتان تەركىبى يۇقىرى، تەركىبىدە گۈڭگۈرت يوق، ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى، نۆۋەتتە مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر قاتلىمى گازى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 240 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، غايەت زور ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بىز مەۋقەنى ۋىلايەتنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا ئاساسلىق كۈچەپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز. نېفىت - تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسپىدە، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىشنى كۈچەيتىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم نېفىت - تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسىپ بازىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز. كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدە، كۇچا - باي چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، باي ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كوكس كۆمۈرىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، باي ناھىيەسىنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر − كوكسلاشتۇرۇش − يىرىك بېنزول − خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. يېشىل كانچىلىق جەھەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك كان ئىزدەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىمىز.

ئۈچىنچى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ تىرەك. تەرەققىيات ئاساسىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلىنىپ، باشتىن - ئاخىر نۆلگە قايتىش روھىي ھالىتى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەھەتتە، جېجياڭ ئۆلكىسى دۆلىتىمىزدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانائەت ۋە ياسىمىچىلىق چوڭ ئۆلكىسى بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك ئۆلكە، كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھاتتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بىز داۋاملىق ھالدا جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ئىككى جاينىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلايمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 - شىسى ئارال شەھىرى چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتىدۇ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز ئارال بىلەن كۈچلۈكلەر بىرلىشىش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. بىز «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، كۇچا − شايار − توقسۇ − باي كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇ − ئارال توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ بەلبېغىنى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز.

تۆتىنچى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كېڭىيىش كۈچىنى قويۇپ بېرىمىز

كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قاتنىشى قولايلىق بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تۇتاشقان جاي ۋە شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن. كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا، ئونسۇ - موڭغۇلكۈرە تاشيولى، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، بولۇپمۇ بەدەل پورتىنىڭ قۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاقسۇنىڭ سىرت بىلەن تۇتىشىش يولى تېخىمۇ قولايلىشىپ، ئېچىۋېتىش شارائىتى تېخىمۇ قولايلىشىپ، بىۋاسىتە ھالدا سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە تاشقى ئېكسپورتنىڭ ئالتۇن يولىغا ئايلىنىدۇ. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، سىرت بىلەن تۇتىشىش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى سودا ئېكسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى سودىسى ھەمدە پورت تاشيولى، تۆمۈريولى، تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئالاقىدار يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى پائال پىلانلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى نىشانلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت «ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازار»دىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى جەھەتتە كىرگۈزۈش، تاشقى جەھەتتە بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىمىز ۋە مۇلازىمەت قىلىمىز.

دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشسا، مەن ئون ھەسسە تىرىشىمەن، باشقىلار ئون ھەسسە تىرىشسا، مەن يۈز ھەسسە تىرىشىمەن» دەيدىغان غەيرەتكە تايىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتتا جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تىرىشىپ تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.