قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

日期:2023年07月04日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ئايلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان، تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى يېتەرلىك، تاۋار تۈرلىرى مول، بازار تەرتىپى ياخشى بولغان. سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىگەن پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 100 كارخانىنىڭ تاۋار سېتىش سوممىسى 305 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.2 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر خې گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى مۇقىم ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلى بىلەن دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئارىلىقى بىرقەدەر قىسقا بولغاچقا، قىسمەن ئىستېمال ئېھتىياجى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلدى، شۇڭا نۇقتىلىق پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.

سودا مىنىستىرلىقى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سۇپىسىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. ئاشلىق، ياغ، گۆش، كۆكتات، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسى مۇقىم، بازار تەمىناتى يېتەرلىك بولۇپ، بازارنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

2023 - يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بازارنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بايرامدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «قۇربان ھېيتتا بازارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك سودا ئىدارىلىرىدىن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ئىستېمال بازىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، بازاردىكى نورمالسىز ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

بايراملىق بازار تەمىناتىنى بېيىتىش ئۈچۈن، قىسمەن ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ھۆكۈمەت زاپاس گۆشىنى بازارغا سېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۆش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ھەرقايسى جايلار سودا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، سودا چەمبىرەكلىرى ئاۋاتلىشىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلدى. ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستېمال سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «2023 - يىللىق شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئۆي بېزەكچىلىكى ئىستېمال بايرىمى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، پائالىيەت بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. ھەرقايسى جايلار يەنە كۆپ خىل شەكىلدىكى تاۋار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېمەك - ئىچمەك، مەززىلىك تائام، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، ئىستىراھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. جۈملىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سودا كارخانىلىرىنىڭ «خىيالىي كۈي سەر خىل باش تېما سەيلىسى» «قۇربان ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش، ئوۋلەيدە ئۇچرىشىپ يازدا ئۇسسۇلغا چۈشۈش» قاتارلىق 100 مەيداندىن ئارتۇق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ قومۇل شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىققەتنى ئاپتوموبىل، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىستېمال ساھەلىرى ۋە كېچىلىك ئىستېمال، تور ئىستېمالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باھاسىنى چۈشۈرۈپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، سېتىۋالغان مال سوممىسى مەلۇم سوممىغا يەتكەندە سوۋغات تەقدىم قىلىش، جۇغلانما نومۇرغا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىستېمال بېلىتىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مول مەزمۇنلۇق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بايراملىق ئىستېمالنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.