بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» پىلانى بويىچە 2200 ئادەم قوبۇل قىلىدۇ

日期:2023年07月04日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» پىلانى بويىچە 2200 ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى يېزا (بازار) ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، داۋالاشقا ياردەم بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، مۇلازىمەت مۇددىتى ئىككى يىل بولىدىكەن.

«ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» پىلانىدىكى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى 2020 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئىكەن. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان، بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان جاپاغا چىداش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە، يېزا - بازار ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك ئىكەن.

«ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» خادىملىرى مۇلازىمەت قىلغان مەزگىلدە، خىزمەت، تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئاي بويىچە تارقىتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەربىر كىشىگە يىلىغا 40 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ھەربىر كىشىگە يىلىغا 30 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن. ھەرقايسى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ئۇلار ئۈچۈن ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئورۇن تاپشۇرىدىغان قىسمىنى ناھىيەلىك، شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان قىسمىنى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» خادىملىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇلىدىكەن. ھەرقايسى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ھەر ئايدا 500 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەن. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئىش ئورنىدا مۇلازىمەت قىلغىنىغا ئالتە ئاي توشقان «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» خادىملىرىغا بىر قېتىمدىلا 3000 يۈەن ماكانلىشىش پۇلى بېرىلىدىكەن. مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» خادىملىرىغا قارىتا، مەمۇرلۇققا نىشانلىق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، كەسپىي ئورۇنلارغا مەخسۇس تەكلىپ قىلىش، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

«ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە «ئاشكارا بولۇش، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدىكەن. كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋاقتى ھەم ئالاقىدار ئىشلارنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىدىكەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىنىڭ «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» مەخسۇس ئىستونى ھەم ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان قوبۇل قىلىش ئېلانى، قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى قاتارلىقلارغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ئىگىلىسە بولىدىكەن.

2006 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئۇدا 18 يىل «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 27 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوبۇل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش، داۋالاشقا ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى پۇختا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.