«يىرىك تەرەققىيات»تىن «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە» بولۇشقىچە

日期:2023年07月04日
来源:天山网
【字体:

​− جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسىدىن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا نەزەر

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، 18 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسى» دەپ ئېلىندى) گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان شىنجاڭدىكى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە 34 كارخانا شىنجاڭنىڭ «ئەقلىي ياسىمىچىلىق» تېخنىكىسى ۋە سۈپىتىنى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى.

كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانا كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، خاسلاشقان، يېڭىچە تۈسكە ئىگە كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار ھەمىشە «خاس ئالاھىدە ماھارەت»نى ئىگىلىگەن بولىدۇ، ساھە ئىچىدىكى يەككە تۈر چېمپىيونى ھېسابلىنىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا، شىنجاڭدىكى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ كارخانىلارنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدىن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

ئوبرازنى ئۆزگەرتىپ، كەڭ سەھنىگە ئاتلىنىش

جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ بىر تەرىپىدە، ئون نەچچە كىچىك ئەينەك بوتۇلكا تىزىلغان بولۇپ، ئىچىگە قاپقارا ماتېرىياللار قاچىلانغانىدى. كۆمۈر، كۆمۈر كوكسلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بۇ قالدۇقلىرى تېخنىكىلىق پىششىقلاش ئارقىلىق يېڭى ماتېرىيال قىلىپ ياسىلىپ، كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ.

مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا − شىنجاڭ جۈنشىن خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى باي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى. شىركەتنىڭ كۆرگەزمىگە ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىدە ئالاقىدار يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار توختىماي كېلىپ مەسلىھەت سوراپ، مەھسۇلاتنى چۈشەنگەندىن كېيىن زور قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان بۇ خىل تېخنىكا تىپىدىكى مەھسۇلات بازارنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ خۇياڭ كابېل ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئەڭ يېڭى كوزىر مەھسۇلاتى − يورۇقلۇق ۋولت كابېلىنى كۆرگەزمە قىلدى، چوكىدەك توملۇقتىكى كابېل نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ۋە 120 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

شىنجاڭ خۇياڭ كابېل ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ دىرېكتورى لى رۇيجيې مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھەر يىلى پايدىنىڭ بىر قىسمىنى يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئالدىمىزغا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ئىشلەپچىقارغان نۇرغۇن مەھسۇلات شىنجاڭ بازىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسىدە كېڭىشىش ئارقىلىق، لى رۇيجيې بازاردا پەن - تېخنىكا تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، «دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت ئىشلىتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ پەن - تېخنىكا تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، بازارنى قولغا كەلتۈردۇق».

«ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ياخشى دەپ بىلەتتىم، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭمۇ بۇنداق ئىلغار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.» ئەنخۇي مىڭتيەن ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ داڭلىق ماركا باش نازارەتچىسى جاڭ جيەن يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدا گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولدى.

يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىدىكى «يېڭى بەلگە»گە ئايلانماقتا. جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرمۇ بۇ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سورۇنىغا ئايلاندى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 566نى، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 492نى، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن 42نى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى كۆزلەش

ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ خوتەن ياڭگۇاڭ قۇملۇق قىزىلگۈلى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ تيەنجى پەقەتلا ئون نەچچە خىل مەھسۇلاتنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى.

مال ساتماستىن، ئاساسلىقى سودا ئىشلىرى ھەققىدە كېڭىشىش ليۇ تيەنجىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بېكىتكەن كۆرگەزمە نىشانى ئىدى. «كارخانىنىڭ كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، سىرتقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولى بولۇپ، مەھسۇلات سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ».

خۇددى ليۇ تيەنجى ئېيتقاندەك، ھەمكارلاشقۇچىلار «خۇش پۇراقنى قوغلىشىپ كەلدى»، بەزىلىرى خۇانەن رايونىدا سودىگەر بولۇش توغرىسىدا كېڭەشكىلى كەلسە، بەزىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقى توغرىسىدا كېڭەشكىلى كەلدى... كىچىك كۆرگەزمە سۇپىسى سودا پۇرسىتىگە تولغانىدى.

ليۇ تيەنجىنىڭ قارىشىچە، پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى بولغان ئەتىرگۈلدىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار بازارنىڭ ئېھتىياجىغا دەل ماس كېلەتتى. «بىز ھازىر يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق پاتېنت تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئەتىرگۈل كەسپىنى جەۋھەر ماي، يېمەكلىكتىن بىيودورا كەسپىگە يۈزلەندۈرۈپ كېڭەيتىۋاتىمىز.» ليۇ تيەنجى بۇنى كارخانىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق يۆنىلىشى قىلىپ بېكىتتى.

تۈرلۈك كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق كەسىپداشلار بىلەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇپ، كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن ليۇ تيەنجىگە ئوخشاش شىنجاڭلىق كارخانىچىلار يەنە ناھايىتى كۆپ.

شىنجاڭ شىخو شەھىرى بېيفاڭ شىنكې چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمىگە ئالاقىدار مەسئۇلى جاڭ جىمېي سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىگە ئۈسكۈنە سېتىش ئۈچۈن قاتناشمىدۇق، بەلكى باشقا ئۆلكىلەردىكى ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە كارخانىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

«جياڭسۇ - جېجياڭ ئەتراپلىرىدا ستاتىك ھىملاش تېخنىكىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇنداق كۆرگەزمىدە كۆپچىلىك بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئۆزىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرەلەيدۇ.» جاڭ جىمېينىڭ قارىشىچە، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش بىلەن تېخنىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش توغرا يول ھېسابلىنىدىكەن.

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جانلىق، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، خاسلاشقان ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە» بولۇش يۆنىلىشى ئۇلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇقەررەر يول.

«ھازىر كارخانىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.» ليۇ تيەنجى مۇنداق دېدى: 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خوتەندە ئېچىلغان شىنجاڭ خوتەن قىزىلگۈل كەسپى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇنبىرى، ھەمدە بىر يۈرۈش يۆلەش سىياسەتلىرى مېنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى، مۇنبەردە تونۇشقان سودىگەرلەر بىلەن جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسىدە ئۇچرىشىشقا كېلىشتۇق. «كارخانىمىز ئۆزى تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ <قولى> بىزنى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى» دېدى ئۇ.

جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىدىكى «كىچىك كۆزنەك» ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە تومۇرىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار 480 مىڭ 400گە يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %99.9ىنى ئىگىلەپ، %70تىن ئارتۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسنى ياراتتى، %60تىن ئارتۇق رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە %50تىن ئارتۇق باج كىرىمىنى تۆھپە قىلىپ قوشتى.

مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش

پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، تېز يۈكسىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ، كارخانىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىدىن ئىبارەت تەرەققىيات تۇپرىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

بىر ئاي ئىلگىرى، شىنجاڭ فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مۇكاپاتلاش مەبلىغىنى تاپشۇرۇۋالدى. فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى يەن شياۋخۇ بۇنى «شىپالىق يامغۇر» دەپ تەرىپلىدى، بۇ مەبلەغ كارخانا باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى تۇ جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ 60 نەچچە تۈرلۈك پاتېنتىغا ئېرىشىپ، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كارخانىغا مايىللاشتۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭدىكى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

«ھەر يىلى مەبلەغ ئارقىلىق يۆلەشتىن باشقا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئۇدۇللىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىز ئەۋزەللىككە ئىگە.» شىنجاڭ دېئەن مۇھىت قوغداش پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بۆلۈم دىرېكتورى ليۇ خەييەن مۇنداق دېدى: دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۆلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ھېس قىلدۇق.

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئېنىقكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، ئېلان قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلاردىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەركىب تاپقان ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «تېز سۈرئەتلىك يول»دا مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشتا، ئاپتونوم رايون 2022 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە جەمئىي 92 مىليون 720 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە، 64 مىليون 500 مىڭ يۈەن كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ 28 مىليون 220 مىڭ يۈەن نۇقتىلىق كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارغا مۇكاپاتلىق تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى قەرەللىك تونۇشتۇرۇپ ئەۋەتىپ، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشقا يېتەكلىدى. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارغا بەرگەن قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 7 مىليارد يۈەنگە يەتتى، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 272 كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىغا 4 مىليارد 483 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بەردى.

«يىرىك تەرەققىيات»تىن «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە» بولۇش يولىغىچە شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشىنى كۆرۈپ يەتتى. «كېيىنكى قەدەمدە بىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق رەقەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <كىچىك گىگانت>لار قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز» دېدى ليۇ تيەنجى.