​تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كارامىتىنى كۆرسەتتى

日期:2023年07月04日
来源:天山网
【字体:

بايىنغولىن ئوبلاستى:

تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كارامىتىنى كۆرسەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن دورا چېچىش، يىراقتىن ئاپتوماتىك سۇغىرىشنى قوزغىتىش، يان تېلېفون ئارقىلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەش... بۇ، مۇنبەت ئېتىزدىكى يېڭى مەنزىرە دەل «ئاقىل»نىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى رولى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، سۈرئەتنى تېزلىتىشنى زامانىۋى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق باش تېما زىيارەت ئۆمىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى سىزىپ چىققان يېزا - كەنتلەرنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىگە كىرىپ كەلدى.

بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېرى كەڭ، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە مۇھىم خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. 2022 - يىلى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 34 مىليارد 594 مىليون يۈەن بولۇپ، 2021 - يىلىدىكىدىن %5.5 ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 22 مىڭ 596 يۈەن بولۇپ، 2021 - يىلىدىكىدىن %6.3 ئاشتى.

كورلا شەھىرىنىڭ قوشئېرىق يېزىسى سايلىق كەنتىگە جايلاشقان 5000 مو بوستانلىق دېھقانچىلىق مەيدانىغا كىرگەندە، بوستانلىق بۇلۇت سۇپىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەپ تۇرۇۋاتاتتى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆپ سپېكتىرلىك كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ ھۆكۈم قىلماقتا ئىدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەدبىر بەلگىلەش سىستېمىسى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق مەشغۇلات لايىھەسىنى تەڭشەۋاتاتتى.

«ئاقىل باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە مەھسۇلات مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، تەننەرخنى تېخىمۇ تېجەپ، ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» بايىنغولىن ئوبلاستى لۈجوۋ تولىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ يۈنشيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىنى قوللىنىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا تەدبىر بەلگىلەشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەشنى ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدۇق.

2022 - يىلى، سايلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۆمەر توختى 282 مو يېرىنىڭ ھەممىسىنى كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق لۈجوۋ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تېرىشىغا ئوبوروت قىلىپ بەردى. «بۇلتۇر، مەن يەرنى ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق 183 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل 3 - ئايدا مەن يەنە 8000 يۈەندىن ئارتۇق 2 - قېتىملىق پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشتىم» دېدى ئۆمەر خۇشال ھالدا.

يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. «بۇ 3000 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى باشقۇرۇشقا پەقەت ئىككىمىزلا يېتىشىمىز.» گۇاڭجوۋ جىفېي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كېۋەزلىكىدىكى «چوڭ باشقۇرغۇچى» ئەي خەيپېڭ پەخىرلەنگەن ھالدا كۆپچىلىككە شۇنداق تونۇشتۇردى.

ئۇ باشقۇرۇۋاتقان «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» تۈرى بۇ شىركەت 2021 - يىلى لوپنۇر ناھىيەسىدە يولغا قويغان جۇڭگودىكى تۇنجى ئادەمسىز كېۋەز دېھقانچىلىق مەيدانى تۈرى بولۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كەڭ كۆلەملىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەشنى مەقسەت قىلغان. ئۇدا ئىككى پەسىل ئىزدىنىش، سىناق قىلىش ئارقىلىق، كېۋەزنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى يىلمۇيىل ئېشىپ، سېلىنما زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك بولدى.

«ئاقىل باشقۇرۇش سىستېمىسى يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىۋېلىشنىڭ پۈتۈن زەنجىرىنى قاپلاپ، دەل جايىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى ئەي خەيپېڭ.

لوپنۇر ناھىيەسىدە پاختا كىرىمىنىڭ پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن كۆپرەككە يەتتى. لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى (چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز ئادەمسىز ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى يۇمشاق، قاتتىق دېتالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، كېۋەز ئۇرۇقچىلىقى پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈردى، شۇنداقلا كەڭ دېھقان ئائىلىلىرىنى پاختا ئىقتىسادىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، باشقۇرۇش قاتارلىق ھالقىلىرىدا توپلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش دەۋرىگە باشلىدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئوبلاست يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 24نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.