غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتىمىز

日期:2023年07月02日
来源:天山网
【字体:

 بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن گۇاڭپېڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ «سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى» چىقىرىلدى. بۇ، دەۋر بۇرچى ۋە مۇھىم، زور پۇرسەت ئالدىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتىدۇ.

1. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنى، تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمىز. ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىمىز، ئىگىلەيمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە ئىكەنلىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇيمىز. جەزمەن «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئويلىشىپ پىلانلاپ، ئۇنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت قىلىمىز. ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىمىز، ئىگىلەيمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پەقەت بىر ئىقتىسادىي تەلەپلا ئەمەسلىكى، پەقەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ ئەمەسلىكى، ۋاقىتلىق، بىر ئىشقىلا قويۇلغان تەلەپ ئەمەسلىكىنى تولۇق تونۇپ، ھەر ۋاقىت بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرىمىز. جەزمەن ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئېڭى، رىقابەت ئېڭى، يول ئېچىش ئېڭى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىمىز. ئۈچىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دۇچ كەلگەن پۇرسەت، خىرىسنى چوڭقۇر چۈشىنىمىز، ئىگىلەيمىز. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى يۈزلەنگەن ئالتە جەھەتتىكى ئاساسلىق ئەۋزەللىك ۋە دۇچ كەلگەن سەككىز جەھەتتىكى مەسىلە كەمتۈكلۈكىنى تولۇق تونۇپ، «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىپ كېتىمىز» دېگەننى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىمىز. خىرىس ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ، يېتىشىۋېلىپ، ئېشىپ كېتىپ، ئولتۇرالمايدىغان، ساقلاپ تۇرالمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدىغان غەيرەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى تۇتىمىز. تۆتىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دۇچ كەلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىمىز، ئىگىلەيمىز. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 20 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، «تۆت جەزمەن» ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى، قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇيمىز. جەزمەن تۈرمۇتۈر رەتلەپ، تۈرمۇتۈر تەتقىق قىلىپ، كونكرېت قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتىمىز.

2. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىمىز. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى نىشان ئورنىنى توغرا تېپىپ، مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئاساسىغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەردىن ساقلىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، كۈچ توپلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىمىز. بىرىنچى، خاس كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئاساسىي موتور»نى كۈچەيتىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، چاقىلىق يېڭى شەھىرىنى يېتەكچى، كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، بۈگۈر لايسۇ سانائەت باغچىسى قاتارلىق باغچە رايونلىرىنى تىرەك قىلغان «بىر قۇتۇپ، كۆپ نۇقتا» كەسىپلەر توپلاشقان رايوننى پائال بەرپا قىلىپ، قۇرۇلمىسى ئىلمىي، خاسلىقى روشەن، يادرولۇق رىقابەت كۈچى كۈچلۈك كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىقتا 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كەسىپلەر توپى ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېڭى ئېنېرگىيەدە 50 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كەسىپلەر توپىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىمىز. ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىپ، «تۇراقلاشتۇرغۇچ»نى مۇستەھكەملەيمىز. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق، خاس تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق، ئۆلچەملىك كېڭەيتىش، تولۇق زەنجىر بويىچە يېتىشتۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە بەرپا قىلىش، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكا تىرىكى، يېزا ئىسلاھاتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئون چوڭ يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كورلا نەشپۈتى، چەرچەن - چاقىلىق چىلىنى، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى، يەنجى ئويمانلىقىدىكى «ئۈچ قىزىل مەھسۇلات»، گۆش كالىسى، گۆش قويى ۋە سۈتچىلىك قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تۈجۈپىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈچىنچى، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، «مەنبە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى»نى ئاشۇرىمىز. ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ۋە مەركەز سېلىنمىسىغا تايىنىۋېلىشنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، «كەسىپ سېلىنمىسى» ۋە «پۇقراۋى كاپىتال»غا دائىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 320 مىليارد يۈەنگە يېقىن بولغان 274 نۇقتىلىق كەسىپ تۈرىنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى، زاپاس تۈرلەرنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى، يېڭىدىن قۇرۇپ ئىش باشلاش نىسبىتى، مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بىر تۈركۈم «زور» تۈرلەردە ئىش باشلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز. تۆتىنچى، تىجارەت - سودا تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «يېڭى ھاياتىي كۈچ»نى ئۇرغۇتىمىز. «ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىرىنچى رىقابەت كۈچى» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تۈزەپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان، پۇقراۋى كارخانىلار بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان، چەت ئەل كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىمىز. بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، «كاپالەت تورى»نى زىچ توقۇيمىز. ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى قوبۇل قىلىپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يېتەرلىك، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

3. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىستېمىلىق پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىش، قاراشتا باشقىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرۇش، ھەرىكەتتە باشقىلاردىن بىر قەدەم تېز مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىرىنچى، سىياسىي ئىقتىدارىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە باشتىن - ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈپ، خاھىش خاراكتېرلىك، بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىن سىياسىي مۇددىئانى بايقاشنى ئۆگىنىپ، چىگىش، مۇرەككەپ ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىياسىي لوگىكىنى ئىگىلەپ، سىياسىي نۇقتىدىن خىزمەتلەرنى تەپسىلىي كۆزىتىش، ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي نەزەر بىلەن ۋەزىيەت مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىش، سىياسىي تەپەككۇر ئارقىلىق خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئالىمىز. ئىككىنچى، تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، كونكرېت ئەمەلىيەت داۋامىدا ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى، يىراق كەلگۈسى قارىشى، بىر پۈتۈنلۈك قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئىجادىي تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خىزمەتتىكى ئىلمىيلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز. «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئومۇمىي يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكى ۋە خىزمەت تىزىملىكىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، بىرىنچى سەپ خىزمەت ئۇسۇلىدىن پائال پايدىلىنىپ ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ ۋاقىت ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

يىللارنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، ھازىر جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، يېڭى مۇساپىنىڭ مۇقەددىمىسى ئاستا - ئاستا باشلاندى، ئازراقلا بىخەستەلىك قىلساق پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالىدۇ، تەرەققىياتتا ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بايىنغولىن ئوبلاستى تۆھپىسىنى قوشىمىز!