قاقاس تاغ يېڭى قىياپەتكە كىردى، شاپتۇللۇق باغ مول مېۋە بەردى

日期:2023年07月02日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق بېغىدا، قاتار - قاتار شاپتۇل دەرەخلىرى مول مېۋە بەرگەن بولۇپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز پۈتۈن تاغ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. ھالبۇكى تۆت يىل ئىلگىرى بۇ يەر قاقاس تاغ بولۇپ، بىر تال گىياھمۇ يوق ئىدى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 2023 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسى يېڭىسار ناھىيەسىدە سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى. مۇخبىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن بىللە نەق مەيدانغا كېلىپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق بېغىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە قايىل بولدى.

يېڭىسار ناھىيەسىدە ھازىر 59 مىڭ 500 مو سۇلۇق يەر بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، شۇ جاي سۇلۇق يەر كۆلىمى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆلىمىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەر دائىرىسىدە ساغان سۇ ئامبىرى، كەڭساي سۇ ئامبىرى، ئاقىر سۇ ئامبىرى، ياشلار سۇ ئامبىرى، لەڭگەر سۇ ئامبىرىدىن ئىبارەت بەش سۇ ئامبىرى بار. سۇ ئامبىرى ئەتراپىنىڭ گېئولوگىيەسى كۆپىنچە سىلانېتس قاتلىمى بولغاچقا، يەر شەكلى چۆللۈك، قاقاس تاغ، ئېدىرلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيتتى.

2019 - يىلى، شۇ جاي 140 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قاقاس تاغدا ئېرىق ئېچىپ توپا ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، سۇ ئامبىرىدىكى تىنما لاي - لاتقىلاردىن پايدىلىنىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىلىرىنى ياتقۇزۇش ئارقىلىق 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق باغ تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى.

«ئەينى چاغدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپچىلىك جوتۇ بىلەن ئورەك كولاپ، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە، ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق باغ قۇرۇلۇشىنى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە قىلدى» دېدى يېڭىسار ناھىيەسى باغ - ئورمانچىلىق بازىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ پېڭ.

10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق باغنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 14 مىڭ مو بولۇپ، ئۈچ يېزا - بازارغا تارقالغان، يەر شەكلى ۋە يەر تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار ھەرقايسى سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى شور تەركىبى كۆپ، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدىغان سىلانېتس تۇپراق قاتلىمىنى 1.5 مېتىر × 2 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ كولاپ تېرىقچىلىق ئېرىقى ھاسىل قىلىپ، ئېرىق قېشى ۋە ئېرىق ئاستىغا سولياۋ يوپۇق يېپىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى سۇ ئامبارلىرىدىن تازىلاپ چىقىرىۋېتىلگەن لاي - لاتقىلارنى ئەسلىدىكى تۇپراق قاتلىمى بىلەن ئالماشتۇرۇپ يەنە تېرىقچىلىق ئېرىقىنى تولدۇرۇپ، دەل - دەرەخ تىكىشكە باشلىدى.

«لاي - لاتقىلار تازىلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى سۇ سۈپىتى ئۈنۈملۈك ئۆستى، لاي - لاتقىدىكى مول ئوزۇقلۇقنى دەل - دەرەخلەر سۈمۈرۈپ، بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق» دېدى يېڭىسار ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جىڭ مىڭچياڭ.

نۆۋەتتە، 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق باغقا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1500 مو ئىھاتە ئورمىنى، 2500 مو پىستە، 10 مىڭ مو شاپتۇل كۆچىتى تىكىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىرنىلىك شاپتۇل، قىزىل توغاچ توقاچ شاپتۇل، سېرىق توغاچ توقاچ شاپتۇل، تۈكلۈك توقاچ شاپتۇل، توغاچ شاپتۇل قاتارلىق 42 خىل شاپتۇل سورتى بار بولۇپ، پىشىش مەزگىلى ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

«شاپتۇل دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، 2020 - يىلى ئۇلىدۇق، 2021 - يىلى مېۋە بەردى، 2022 - يىلى مەھسۇلات مىقدارى 2000 توننىغا يەتتى.» ۋاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: شاپتۇلنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، تەمى ياخشى، نۆۋەتتە كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى بىر توننىغا يەتتى، ئاساسلىقى شۇ جايدا سېتىلىدۇ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى نۇرغۇن سودىگەرمۇ كېلىپ مال كىرگۈزدى.

سۇلۇق يەرنى قوغداش دائىرىسىدىكى سۇچىلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەر، نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭىسار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تېخنىك خادىملارنى ئورمان بىنا قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇ تېجەش، نەملىك ساقلاش، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات، چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكا تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق باغقا بىر قەدەر ئىلغار بولغان سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر ھەم باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش ئەسلىھەلىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق شاپتۇللۇق باغنىڭ مو بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى پەقەت 214 كۇب مېتىر بولدى.

مېۋىلىك باغنى كۈندىلىك باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 2021 - يىلى، يېڭىسار ناھىيەسى بەختلىك ئائىلە باغ - ئورمانچىلىق دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جايدىكى 280دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ، دەل - دەرەخلەرنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل قىلدى.

10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇق باغنىڭ تەدرىجىي مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، مىۋە سېتىش ھەم ئىنچىكە پىششىقلاش تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. «بۇنىڭدىن كېيىن باغ - ئورماننىڭ پايدىسى ئارقىلىق پەرۋىش خادىملىرىنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرگەندىن سىرت، يەنە مېۋىلىك باغنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت، سۇ، ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ، كىرىم - چىقىمغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ۋاڭ پېڭ.

«قاقاس تاغدا كەڭ كۆلەمدە ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتى قوغدىلىپلا قالماي، تەبىئىي ۋە سۈنئىي سۇلۇق يەر كۆلىمى كېڭەيتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە شاپتۇللۇق باغ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاپ قېلىش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى» دېدى جىڭ مىڭچياڭ.