ھەقىقىي تۈردە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

日期:2023年07月02日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ھەقىقىي تۈردە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، جىمىسار، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرمىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

دىيامېتىرى 110 مېتىر كېلىدىغان تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيوتېلېسكوپ تۈرى (QTT) دۆلىتىمىزنىڭ ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى. ئەركىن تۇنىياز تۈر سۇپىسى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ تۈر دۆلەتنىڭ ئاسترونومىيە ساھەسىدە شىنجاڭدا ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋى ئاسترونومىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغارلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، رايوندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ مەركىزى قۇرۇشتا مۇھىم، زور ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە. يۈكسەك سىياسىي بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى يىپەك يولىدىكى يېڭى شىمالىي يولنىڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان مۇھىم ئارمىيە، ھۆكۈمەت ئورنى ۋە قاتناش تۈگۈنى، 2013 - يىلى 7 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى دەپ بېكىتىلگەن. ئەركىن تۇنىياز يادىكارلىق ئورنىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ھەم بىرىنچى سەپتىكى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچى خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، يادىكارلىق ئورنىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق تارىخىي يىلتىزىنى ساقلاپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلىش كېرەك.

گۇچۇڭ مۇزېيىدا، ئەركىن تۇنىياز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇزېيىدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملارنى چۈشەندۈرۈش ۋە كۆرگەزمە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش كېرەك.

«ھەركۈنى بۇ يەرگە قانچىلىك ئادەم ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدۇ؟» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش جەھەتتە ئاساسلىقى قانداق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇڭلار؟» ئەركىن تۇنىياز بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى، بېيتىڭ قۇچۇ خۇيخۇ بۇتخانىسى يادىكارلىق ئورنى مۇزېيىغا بېرىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش، مۇزېيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى كەڭ نەزەر دائىرىسىدىكى تارىخىي تومۇرىنى رەتلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي يادىكارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. «مەدەنىيەت ماركىسى»نى ياخشى يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى شەھەر قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىقلار بىلەن يۇغۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، پەن - تېخنىكا كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چوڭ رايونىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۈچلۈك رايونىغا، مەدەنىيەت چوڭ رايونىدىن مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونىغا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.