شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى

日期:2023年07月02日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىل 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىركەتنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپى كىرىمى 450 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشتى. پايدا - بېجى 130 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.2 ئاشتى.» 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، يەر شەكلى كۆپ خىل، كىلىماتى ئالاھىدە بولۇپ، دورىغا ئىشلىتىلىدىغان مول ۋە ئۆزگىچە بايلىقلارنى يېتىشتۈرگەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ مودىن ئاشتى، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا 28 بولۇپ، 158 خىل جۇڭيى تېبابىتى دورىسى، مىللىي تېبابەت دورىسى سىجىل ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە چوڭ تۈرنىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«ھۆكۈمەت، كەسىپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، پۇل مۇئامىلە/كاپىتال، مۇلازىمەتنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭ ئېلىپ بېرىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تىرەك.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى بايلىق خىمىيەسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى؛ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى دورا ماتېرىياللىرى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، ياساپ تەييارلاش ھۈنەر - سەنئىتى، دورا تىپى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى؛ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، ۋارىس ئىختىساسلىقلار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسپىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ، تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى.

ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى تۈپەيلىدىن، بەزى دورا ماتېرىياللىرى پەقەت شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەندىلا، ئۈنۈملۈك تەركىبى ئاندىن ئۆلچەمگە يېتىدۇ. كەسىپ زەنجىرىدىكى تېرىش «مەنبە»سىنى ياخشى ئىگىلەپ، مەھسۇلاتنىڭ كىلىنىكىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەردە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇپ، سېتىش كىرىمىنى يىلىغا %20لىك سۈرئەت بىلەن ئاشۇردى. سېتىشتا ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلاش ئاساسىدا، بۇ يىل، بۇ شىركەت يەنە جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىنى ئاچىدۇ. «ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، <14 - بەش يىل>نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 2 مىليارد يۈەنلىك سېتىش نىشانىنى تاماملاشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار» دېدى يىن چياڭ.

شىنجاڭ شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىمۇ ئىشەنچكە تولدى. «1 - پەسىلدە، شىركىتىمىز ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92 ئاشتى.» شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىركىتىمىز توققۇز تۈرلۈك 49 خىل مەھسۇلات ئۆلچىمىدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى مەھسۇلاتلىرىدا نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى تاماملىدى، سېتىش تورى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، شىركىتىمىز جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى سانائىتىنى ئاساسىي گەۋدە، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى سودىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى مەنبەدە ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاخىرقى مەھسۇلات ئوبوروتىغىچە قاپلىغان پۈتۈن زەنجىرنى بەرپا قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشىنى قوللاش مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ياردەم قىلىش - يۆلەش، يېتەكلەش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىمىز؛ دۆلەت ئىچىدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسپى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، شاڭخەينىڭ دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز.