«پۇتۇمدا ماغدۇر بولمىسىمۇ، لېكىن ئاغزىم بىكار تۇرمىدى»

日期:2023年07月02日
来源:天山网
【字体:

− «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى ئونيار بازىرىنىڭ بۇلۇكەي كەنتىدە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيىگە كەلگەن ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

مەمەتجان ئۆمەر ئىلگىرى بۇ كەنتنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى ھېيت - بايراملاردا، ئادەتتە قىيىن ئىشلارغا يولۇققاندا، ھەممىسى كېلىپ پېشقەدەم شۇجى بىلەن پاراڭلىشىشنى خالايتتى.

مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئىچىدە چاچلىرىغا ئاق سانجىلغان ياشانغانلارمۇ، 20 ياشتىن ئاشقان ياشلارمۇ بار ئىدى.

«بۇ گۆش بەك مەززىلىك پىشىپتۇ، يەنە بىر قاچا يەي.» كەنت ئاھالىسى ۋاڭ پىڭ قاچىنى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئوغلى مەردان مەمەتجانغا سۇندى. ۋاڭ پىڭ راۋان ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق دېدى: «20 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇربان ھېيت ئۆتكۈزگەندە، ئېسىمدە قېلىشىچە، كەنتتە پەقەت بىرنەچچە ئائىلىلىكلا مال سوياتتى ياكى گۆش پىشۇراتتى، قۇرۇق مېۋىلەر ئۇ چاغلاردا بىزگە نىسبەتەن ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىناتتى.» بۇ تەسىرات بىردەمدىلا كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋەتتى. «ھازىر كەنتتە مال سويمايدىغان ئادەم يوق، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى كۆپچىلىك بەس - بەستە.

مەمەتجان ئۆمەر ئالىمجان دالىندىن مۇنداق سورىدى: «سىز ئون نەچچە يىل ئىلگىرى باشقىلارنىڭ ماللىرىنى سويۇپ بېرىپ پۇل تاپاتتىڭىز، ھازىر دۆڭمازاردا دۇكان ئېچىپسىز، سودىڭىز قانداقراق؟»

«دۇكاننىڭ سودىسى بەك ياخشى! ھازىر باقمىچىلىق مەيدانىدا گۆش كالىسى بېقىۋاتىمەن، سويۇپ يىرىك پىششىقلىغاندىن كېيىن دۆڭمازاردىكى دۇكانغا ئاپىرىپ ساتىمەن، يەنە بىرنەچچە خىزمەتچى قوبۇل قىلدىم، ئۆزۈم لوبەن بولدۇم!» ئالىمجان دالىن خۇشال ھالدا جاۋاب بەردى.

بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەربىر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلمەي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشتى. بۇلۇكەي كەنتى ھازىر يىراق - يېقىنغا داڭلىق باي كەنت.

«ھازىرقى سىياسەت شۇنداق ياخشى، كۆپچىلىك پەقەت ئىتتىپاقلاشساقلا، دادىل ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلىيالايمىز...» مەمەتجان ئۆمەر كەنت ئاھالىلىرىگە شۇنداق تاپىلىدى.

كەنت ئاھالىلىرى توپ - توپ بولۇپ كەلدى، تەخسىدىكى يېمەكلىكلەر قۇرۇقدالسا يەنە تولدۇرۇلدى. «ھېيت - بايراملارنىڭ ھەممىسىدە بىز ئۆيدە بولىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» مەردان مەمەتجان مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئۆيىمىزدە مېھمانلار ئۈزۈلمەيدۇ، مەن دائىم بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ كېلىپ، خۇشال ھالدا قايتىدىغانلىقىنى كۆرىمەن».

كەنتتىكى توخۇ بېقىش چوڭ ئائىلىسى ما يۈلىن مۇنداق دېدى: توخۇ فېرمىسىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى نەچچە ئوندىن 500 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭغا مەمەتجان ئۆمەرنىڭ نۇرغۇن ئەجرى سىڭگەن.

ئەينى يىلى، ما يۈلىننىڭ كىچىك بىر توخۇ فېرمىسى بار ئىدى، ئۇ كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخنىكا كەمچىل بولۇش، مەبلەغ كەمچىل بولۇش باش قېتىنچىلىقى بار ئىدى. مەمەتجان ئۆمەر خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى زامانىۋى توخۇ فېرمىسىغا ئۆگىنىشكە ئېلىپ باردى، يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ فېرما ئورنى ۋە سۇ، توك ئىشلىتىش قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ توخۇ فېرمىسى شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ تۇخۇم توخۇسى فېرمىسىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

كۆپچىلىك مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ھويلىسىدىن يېڭى ئۈزگەن مالىنا، شاپتۇللارنى يەۋاتاتتى. «بىز يەنە كۆكتات تېرىدۇق، بالىلار تېرىشقا مەسئۇل، مەن يېيىشكە مەسئۇل.» مەمەتجان ئۆمەرنىڭ قىزىق گەپلىرىدىن كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، مەمەتجان ئۆمەرنىڭ بۇ ھويلىسى كەنتنىڭ «سىناق ئېتىزى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، توخۇ بېقىش، كۆكتات تېرىشنىڭ ھەممىسى مانا بۇ يەردە ئۈلگە كۆرسىتىلگەنىدى.

«پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، يەنىلا بىكار تۇرمىدىم. ھازىر پۇتۇمدا ماغدۇر بولمىسىمۇ، لېكىن ئاغزىم بىكار تۇرمىدى» دېدى مەمەتجان ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ۋە بۇلۇكەي كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنتتىكىلەرگە پارتىيە تارىخى، پارتىيە دەرسى سۆزلەپ بېرەتتى.

«مەن ئىزچىل كەنتتە بولدۇم، ماڭا موھتاج بولسىلا، مەن تەييار» دېدى مەمەتجان ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىگەچ توپ - توپ كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇزىتىپ قويۇۋاتاتتى.