​«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年06月01日
来源:天山网
【字体:

باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شاۋ لىن يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك؛ سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملەپ، دادىل ئىشلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىتتىپاقلىشىش، يۇغۇرۇلۇش ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملەپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ مىننەتدارلىق ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پارتىيەگە بولغان مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاش ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملەپ، توغراق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيۈپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاممىغا يېقىن بولغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئىشلەش، دەل جايىدا ئىشلەش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش كېرەك.