ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

日期:2023年06月01日
来源:天山网
【字体:

​گۇڭ جېڭ، ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، شاڭخەي، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇڭ جېڭ ئەركىن تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

گۇڭ جېڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شاڭخەينىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. گۇڭ جېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز. شاڭخەي بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى قويۇق، دوستلۇق مېھرى چوڭقۇر. دىققەتنى خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشقا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ياردەم قىلىش - يۆلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شاڭخەينىڭ چوڭ سۇپا، چوڭ بازار، چوڭ ئوبوروت ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشقا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەقىل جەھەتتىن ياردەم قىلىش - يۆلەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن شىنجاڭغا ياردەم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق نەپ ئېلىشقا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، شاڭخەينىڭ مەبلەغ ئەۋزەللىكى، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇش ئارقىلىق ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شاڭخەي خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شاڭخەيگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شاڭخەيگە «داۋاملىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى ياخشى باشلامچى، ئىجادىي تەرەققىياتتا ئالدىن يۈرگۈچى بولۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور بۇرچنى يۈكلىدى. شاڭخەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت چوڭ فۇنكسىيە»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بەش مەركەز»نى قۇرۇپ، «بەش تىپتىكى ئىقتىساد»نى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شاڭخەي شەھىرى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، شاڭخەينىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، ئەركىن سودا رايونى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولى ۋە يۈك تىرانسپورت يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى؛ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت جەھەتتىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەينىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شاڭخەيدىكى مەزگىلدە، ئەركىن تۇنىياز شاڭخەي شەھىرىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شەھەر يىرىك پىلانى كۆرگەزمە سارىيى، قىزىل تەربىيە بازىسى، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شاڭخەي شەھىرى رەھبەرلىرىدىن گو فاڭ، چېن جىڭ، خۇا يۈەن، لى جېڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ سۇشې، خا زېڭيوۋ، ياڭ شيۇلى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.