«مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年06月01日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، 2023 - يىللىق «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم «<بىر بەلباغ، بىر يول> ساغلام شىنجاڭ» خۇاشيا ئاكادېمىكلار مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق روناق تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دىققەتنى پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ساھە ئېچىپ، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادىي نەتىجىلەرنى كۆپلەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»دىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چىڭىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «خۇاشيا ئاكادېمىكلار مۇنبىرى»گە پائال قاتنىشىپ، خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي يېتەكچىلىك ئارقىلىق، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىنى؛ پەن تەتقىقات بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پەن - تېخنىكىغا دائىر ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلىم - پەننى سۆيىدىغان، ئىلىم - پەننى ئۆگىنىدىغان، ئىلىم - پەندىن پايدىلىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى 3 - ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گاۋ جەنجۈن، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى خەن دېمىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ۋەكىلى شاۋكەت سالىخوف، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېڭ مىڭجياڭ ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

بۇ يىللىق «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «مەنىۋى مەشئەلنى يورۇتۇش». پائالىيەت نەق مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا «غەربىي قىسىمدىكى ھاياتلىق نۇرىنى يورۇتۇش» باش تېمىسىدىكى «<بىر بەلباغ، بىر يول> ساغلام شىنجاڭ» خۇاشيا ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتى باشلاندى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى جۇڭگو داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى، «خۇاتو قۇرۇلۇشى» ئاڭلاش ئىقتىدارى ساغلاملىقى بويىچە ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.