پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى

日期:2023年06月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى توختىماي ئايلاندى، تۈر قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر مىللەت ئامما مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى... باش يازدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا قۇرۇلۇش، تەرەققىياتنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

پۇقراۋى ئىگىلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. بۈگۈنكى كۈندە، بىر تۈركۈم باشلامچى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار پائال يېڭىلىق يارىتىپ كارامىتىنى كۆرسەتتى، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، دادىل تەرەققىي قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىش بىلەن بىللە، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى». پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتىلغان بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق ھەر خىل كۈچلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بەردى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىقلار سىستېما ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش، تۈر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە جەنۇبىي شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى.

«بولۇپمۇ 2018 - يىلى <پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى> پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى قېزىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىلار شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ بىن مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كاپىتال، باشقۇرۇش، ئۇچۇر قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

مۇھىت سۇغا ئوخشايدۇ، كارخانا بېلىققا ئوخشايدۇ. سۇمۇرغنى جەلپ قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇۋىنى پۇختا ياساپ سۇمۇرغ بېقىش، سۇمۇرغنىڭ ئۇچۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە يول بولۇش، كېيىنكى ئىشلاردىن غەم قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەرمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، پۇختا تۇتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى خىزمەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغاتتى.

«كارخانىلار مەبلەغ سېلىشتا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى، مەبلەغ سېلىنىدىغان جاينىڭ رايون ئورنى ئالاھىدىلىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى.» قەشقەر ئاۋدۇ شېكەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى لى مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىۋاتىدۇ، كارخانىمىز ماكانلاشقاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت تۈرلۈك سىياسەت مەدىتى ۋە ياردەملەرنى بېرىپ، بىزنى بۇ يەردە خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىدە جەمئىي 447 تۈر ئىمزالىنىپ، سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 115 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش

ھازىر، شىنجاڭ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولماقتا.

يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يۇقىرى قاتلامدىن كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەش، سىياسەت كۈچلۈك تىرەك بولۇش پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا چەكسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد يېڭى رايونىدا، شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان پارنىكتىن 1000نى ياساپ، چۆل - جەزىرىدە 10 مىڭ مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆكتات بازىسى بەرپا قىلدى.

«شىنجاڭ قۇرىدىغان <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>دا، <يېزا ئىگىلىكى> يېرىمنى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىگە ئاتلىنىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۇڭ يىنچياڭ مۇنداق دېدى: خوتەندە قۇملۇقتا ئەسلىھەلىك كەسىپلەر كۆلەملەشتى، تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭ، تىرىشىپ بازىنى كۆكتات تېرىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە كۆرگەزمە قىلىش، يېزا ئىگىلىك سەيلە - ساياھىتى قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپلەر يۇغۇرما تەرەققىيات بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

باي ناھىيەسىنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر كوكسلاش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسىنىڭ بىرى. بۇ يەرگە جايلاشقان شىنجاڭ جۈنشىن خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈردى.

«ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سانائەت ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، بازار بوشلۇقى غايەت زور.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى سۇڭ ليەنكې مۇنداق بىلدۈردى: شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۈنشىن خىمىيە سانائىتىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى يىلمۇيىل ئېشىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، پۇقراۋى كارخانىلار بىرقەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە بىرقەدەر يۇقىرى يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

شىنجاڭ جۈنشىن خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەن يېڭى تىپتىكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆمۈر قارىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە قالدۇق گازنىڭ ئارتۇقچە ئىسسىقلىقىدىن توك چىقىرىش تۈرىدە ھەر يىلى كۆمۈر قارىسىدىن 170 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق قالدۇق گاز يىغىۋېلىنىپ پايدىلىنىلىپ، ئۆلچەملىك كۆمۈرگە سۇندۇرغاندا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئېنېرگىيە تېجەپ قېلىندى، ھەر يىلى 100 توننىدىن ئارتۇق بۇلغىما ئاز قويۇپ بېرىلدى.

«يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانا مەھسۇلاتلىرى، باشقۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك» دېدى سۇڭ ليەنكې.

ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش

5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ سانائەت باغچە رايونى گۇما رايون ھالقىغان باغچە رايونىدا، شىنجاڭ ۋەنجياڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئىشچىلار تەرتىپلىك قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. بۇ يەردە ھەر كۈنى سەككىز دانە پىكا ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلاتتى.

بۇ شىركەت بۇلتۇر 8 - ئايدا خوتەنگە ماكانلىشىپ، بۇ يىل 4 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى مۇھىم تۈر، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىردىنبىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تۈرى.

كارخانا ئىش ئورنى يارىتىدىغان ئاساسىي گەۋدە. 23 ياشلىق ئابدۇكېرىم ئابدۇللا ئەنخۇي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. بۇ يىل 3 - ئايدا، ئۇ بۇ شىركەتكە پىراكتىكا قىلىشقا تەۋسىيە قىلىندى، خىزمەتتە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ھازىر ماتېرىيال گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

«پىراكتىكا مائاشىم ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، رەسمىيلەشكەندىن كېيىن ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە ئالالايمەن.» ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «كەسپىم توغرا كەلدى، تەمىناتىم يامان ئەمەس، ئۆيگىمۇ يېقىن، بۇ خىزمەتتىن مەن بەك رازى».

ۋەنجياڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دۇڭ كۇن مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز غەربىي شىمال رايونى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاپتوموبىل ياساش يادرولۇق بازىسى بەرپا قىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا مەھسۇلات قىممىتىنى 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئاشۇرۇپ، 500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىلار بەس - بەستە جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپ يىل تەرەققىي قىلغان پۇقراۋى كارخانىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

ئاۋدۇ شېكەرچىلىك چەكلىك شىركىتى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ھازىر 1080 ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولدى، ئۇلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 3500 يۈەندىن ئاشتى.

«بىز <كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەڭ دېھقانلار بىلەن ئۇزاق مەزگىل زىچ بولغان مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمى ئورناتتۇق.» لى لى مۇنداق دېدى: زاۋۇت قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، كارخانا 300 مىڭ موغا يېقىن يەرنى ئوبوروت قىلىپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك دېھقاننىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئورتاق بېيىش يولىدا ياخشى مېڭىش. لى لى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كارخانا پەقەت تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

چوڭ مەبلەغ يىراقتىن كەلدى، ياخشى تۈرلەر ئۈزۈلمىدى. جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى يوشۇرۇنغان. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىمۇ جەزمەن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ!