​ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇش كېرەك

日期:2023年06月01日
来源:天山网
【字体:

ۋاڭ جيەنشىن شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى​

ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىگە كېلىپ، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولايلى» دېگەن باش تېمىدا ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى.

ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پارتىيەمىز تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقىلدى. كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلار دەۋرى، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولغان، شۇنداقلا چوقۇم زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغان ئۇلۇغ دەۋر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋر ياخشى ياشلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.