​جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىياپەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز

日期:2023年06月01日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى −

​جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىياپەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار يىغىن روھىنى دەرھال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا تۈرمۈتۈر سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىياپەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ ئىكەنلىكىنى؛ ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولماستىن، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ ئىكەنلىكىنى؛ ۋاقىتلىق، بىر ئىشقىلا قويۇلغان تەلەپ بولماستىن، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرىدىغان تەلەپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش... ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى تولۇق بايان قىلىندى، چۈشەندۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش تەلەپ قىلىندى.

«ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسى چىڭ كۆزلىنىپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇلۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئىجتىمائىي نىزام چىقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى شۆجۈن مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە نىزام چىقىرىشقا دائىر مۇلازىمەت ۋە كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت، يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۈچىنى قوشىمىز.

دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باج ئېلىش - باشقۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو پېڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى چۆرىدەپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، باج - ھەق سىياسىتى پايدىسىدىن بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق بەھرىلەندۈرۈش، بىۋاسىتە، تېز بەھرىلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا باج ئىشلىرى كۈچىنى قوشىمىز.

«سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئورگان ئىشلىرى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئورگان ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ جىدۇڭ.

دەۋر پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىك يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىمىز

«ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىپ، <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرىمىز» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز»... دەۋر پۇرسىتىگە يۈزلىنىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا: «ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق، ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا زىيارەتكە بېرىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى، خەلقئارا بازار باش دىرېكتورى خۇ نەن مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپ ئەۋزەللىكى، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نادىر قۇرۇلۇش، بەخت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قۇرۇپ بېرىمىز.

دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، يىلىغا 15 مىليون توننا كۆمۈردىن سۈپەتكە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ پايدىلىنىش تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كوكس مېيى ئاساسىدا ھىدروگېن قوشۇش مېيى ئىشلەپچىقاردى ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەنجىرنى ئۇزارتىپ ئارېن، كۆك ھىدروگېن قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەتقىق قىلىپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ شيەن مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» دېگەن تەلەپكە قارىتا، شىنجاڭ بېيشىن تاش - توپا قۇرۇلۇشى چارلاش - لايىھەلەش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر تيەن چيۇلىن مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى قۇرۇش ۋە ئېچىش ھەمدە شەھەرلەر ئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋە شەھەرلەر ئارا رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق يېڭىچە ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز.

بوغما ھالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز

«شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى سۇ بايلىقى چەكلىمىسى، بوغما ھالەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش» «<ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە> قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش»... ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسى، ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، چوڭقۇر پىلان تۈزۈلدى، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئەسقەر ھوشۇر مۇنداق دېدى: سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش، ئېلاستىكلىق تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سۇچىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي ۋۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: خىزمەت پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا قارىتىلغان «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» قوللىنىپ بۇلغىما چىقىرىشنى تۈزەش لايىھەسىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بۇلغىما مەنبەسىنى مەنبەدىن ئۈزىمىز ۋە ئازايتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى زور، تۈزەش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سانائەت كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ياخشىلىشىغا، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياردەم بېرىپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل ناسىر، مېھرىگۈل غوپۇر، شى شىن، يۈ جياڭيەن، لى شىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ شۇەي، بېن جياڭچۇەن)