​جياڭسۇ بىلەن ئىلى زىچ ماسلىشىپ «كەلگۈسى»نى ئورتاق سىزىپ چىقتى

日期:2023年06月01日
来源:天山网
【字体:

جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە:

​جياڭسۇ بىلەن ئىلى زىچ ماسلىشىپ «كەلگۈسى»نى ئورتاق سىزىپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

سىياھ رەسىمدەك جياڭنەندىن قارلىق تىيانشانغىچە، جياڭسۇدىن 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم تۈرلەرنى «ئەمەلىيلەشتۈرۈپ مېۋە بەرگۈزۈپ»، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى...

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇشتا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشتا، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى؛ جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە توققۇز كەسىپلەر باغچىسىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ تەسىس قىلىپ، «سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش ۋە شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى قانات يايدۇردى؛ شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 262نى قانات يايدۇرۇپ، 240 مىڭ ئادەم قېتىم كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، قىس ئىختىساسلىقلاردىن 3300نى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزدى...

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش

5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىلى ۋېيلۇن توقۇمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رەخت توقۇش سېخىدا، نازارەتچى خادىم تۇرسۇنجان مەخەت پات - پات ئۈزۈلگەن يىپنى ئۇلاپ قوياتتى.

ئىككى يىل ئىلگىرى تۇرسۇنجان بىلەن خوتۇنى ۋېيلۇن توقۇمىچىلىقىنىڭ نازارەتچى خادىمىغا ئايلىنىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا نەچچە مىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دېھقان - چارۋىچىدىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى.

«شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان خىزمەتچىلەر <سۇ باشلىغۇچ> بولۇپ، جياڭسۇ - ئىلى ئىككى جايدىكى مول بولغان <سۇ ساقلاش كۆلچىكى> ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپنىڭ <قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش>ىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك» دېدى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ خۇا. ئۇ ئىلىغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى بىلەن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پاختا خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش ۋە پىششىقلاش تەرتىپىنى ئالدىنقى ئۇچ بولغان ئىلىغا قويۇش، سېتىش ھەمدە تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كېيىنكى ئۇچ بولغان نەنتۇڭغا قويۇشتىن ئىبارەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەسىپ ھەمكارلىق تىپىنى ئۆزگەرتىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى «ئاغرىق نۇقتا»نى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 3 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 450 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلدى، يىپ ئېگىرىش، توقۇمىچىلىق، ئائىلىۋى بۇيۇملار توقۇلمىلىرى، كىيىم - كېچەك كارخانىسى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق تۈرلۈك كارخانا ماكانلاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 5 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، 5000دىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش ئۈچۈن، جياڭسۇدىن 10 - تۈركۈمدە ئىلىغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى دىققەتنى ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە يېتەكلەش مەبلىغى تەسىس قىلىپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە زامانىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىن 15نى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن 12نى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، جەمئىي 129 مىڭ 300 ئادەم قېتىمنى تەربىيەلىدى، 51 مىڭ 400 ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يېتىشتۈرۈش بازىسىغا 500دىن ئارتۇق كارخانا ماكانلاشتى، يېتىشتۈرۈۋاتقان كارخانا 125كە يەتتى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جياڭسۇنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى سودىگەر چاقىرىپ كېلىشىم ئىمزالاپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن تۈر 225، نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 17 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىلىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشىغا پائال تۆھپە قوشتى.

«ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مول نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش

5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ياشانغانلار يۈرەك، قان - تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ يىغىن زالىدا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ ۋېيجۇڭ توردا ئىلى ئوبلاستلىق كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات يۇرتىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن كىلىنىكىلىق تېبابەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش لايىھەسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ مۇزاكىرە قىلدى. «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ۋاقتى چەكلىك بولسىمۇ، ئىلىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەھمىيەت بېرىشنىڭ چېكى يوق.» جاڭ ۋېيجۇڭ نەنجىڭ شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ مەسلىھەتچى سالاھىيىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستىنىڭ تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە داۋاملىق قاتناشتى.

جاڭ ۋېيجۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇنداق قارىدى: ئىلىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان داۋالاش قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش، پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كېسىلىنى داۋالاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جاينىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئېلىپ كەتمەيدىغان» داۋالاش قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

2020 - يىلى 7 - ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرغان ئىلى ئوبلاستلىق كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات يۇرتى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ تەتقىقات يۇرتى «تېببىي تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش»نى بىرگەۋدە قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە قۇرۇلغان تۇنجى ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال تېببىي تەتقىقات ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 35 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئالاقىدار سۇپىنى قۇرۇشقا ئىشلەتتى.

نۆۋەتتە، ئىلى ئوبلاستلىق كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات يۇرتى ساغلام ئىلى تەتقىقات مەركىزى، 5G كەلگۈسى تېببىي بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 107 تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، 20 نەچچە تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئىختىساسلىقلار قىس بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى دىياگنوز قويۇپ داۋالىغان ئامما 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، قىلغان ئوپېراتسىيە 7500دىن ئاشتى، جىددىي قۇتقۇزغان جىددىي، ئېغىر ئاغرىق 5500 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاشقا يۆتكەپ بېرىش ئوتتۇرىچە نىسبىتى %4.12تىن %2.98كە تۆۋەنلىدى؛ جەمئىي 245 تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنى كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 85 تۈرلۈك تېخنىكا ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىكتىكى بوشلۇقنى، ئالتە تۈرلۈك تېخنىكا ئاپتونوم رايوندىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەھەتتە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىغا تۇنجى قېتىم «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپى بېرىپ، «<ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نى يولغا قويۇپ، «مەكتەپ ئارقىلىق فاكۇلتېتنى ھۆددىگە ئېلىش» «شۆيۈەن ئارقىلىق پەننى ھۆددىگە ئېلىش» مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، جياڭسۇدىكى 138 مەكتەپنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى 155 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن، جياڭسۇدىكى 25 كەسپىي مەكتەپنى ئىلىدىكى ئۈچ كەسپىي مەكتەپ بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇشقا تەشكىللىدى. «<بىر جاي، بىر مەكتەپ، بىر داڭلىق كەسىپ> كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى»نى يولغا قويۇپ، ھەربىر مەكتەپنىڭ نۇقتىلىق ھالدا بىر داڭلىق كەسىپ بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ يېقىنقى بەش يىلدا 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات ئالالماسلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىلىنىڭ ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇش

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ياڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان ياڭزىجياڭ . نارات . يېچۇن ئاشخانىسى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىدى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى قانال مەدەنىيىتى بىلەن يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىغا گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشىنى جياڭسۇ پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئىشلەپچىقىرىش، شەھەر، مەنزىرە» بىر گەۋدىلەشكەن يۇغۇرما تەرەققىياتنى چۆرىدەپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئاپپاراتلارنى ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش شەرتىدە، ناراتنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، 3 مىليارد 290 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يايلاقتىكى چارۋىچىلار تۇرمۇشى قاتارلىق يەتتە ئىنتايىن ئۆزگىچە تەسىرات رايونىنى بەرپا قىلدى.

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشىدا، ئىلى ئوبلاستى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى بېيىتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، سەپەر، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى چۆرىدەپ، «ساياھەت + تەنتەربىيە» «ساياھەت + مەدەنىيەت» قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

«بۈگۈنكى كۈندە، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى، ساياھەت داڭلىق ماركا ئوبرازى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، نارات ساياھەتچىلىكىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى» دېدى نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت - تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ سۇۋېن. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەت كەسپى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جياڭسۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئىلى دەريا ۋادىسىنى دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، مۇھىم ئامىل سېلىنمىسى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە بازار ئېچىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت كۈچلۈك ئوبلاستى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت داڭلىق ماركىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، شۇ جايدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.