ئالتاي مىنېرال سۈيى تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېكسپورت قىلىندى

日期:2023年05月31日
来源:天山网
【字体:

ئالتاي تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى شىنجاڭ قار-مۇز شەھىرى مۇزلۇق سۈيى چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مىنېرال سۇنى تەكشۈرمەكتە.

(ئىختىيارىي مۇخبىرمۇقامەت ساقابافوتوسى)

 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، 25.78 توننا تۆۋەن دېيتېرىيلىق مىنېرال سۇ يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىپ، «يېشىل كارىدور» ئارقىلىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە توشۇلدى، بۇ،ئالتاي مىنېرال سۈيىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېكسپورت قىلىنىشى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم تۆۋەن دېيتېرىيلىق مىنېرال سۇنى ئالتاي شەھىرىدىكى شىنجاڭ قار-مۇز شەھىرى مۇزلۇق سۈيى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئالتاي تاغ تىزمىسىدىكى قىران دەرياسى ۋادىسىدىن چىقىدىكەن، بۇ جاي دۆلەت ئىچىدىكى تەبىئىي تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇدىكى «دېيتېرىي» ئەڭ تۆۋەن رايون بولۇپ، دېيتېرىينىڭ مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن، ئوتتۇرىچە قىممىتى ‰120- ئىكەن.

  سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ئالتاي شىنجاڭنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، «شىمالىي شىنجاڭنىڭ سۇ مۇنارى» دېگەن گۈزەل نامى بار. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سۇپارى ئاساسلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىن، ئاز بىر قىسمى شىمالىي مۇز ئوكياندىن كېلىدۇ،سۇ پارىنىڭئۇزۇن ئارىلىقتىكىكېلىش مەنبەسى، بىر قەدەر تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە پايدىلىق مۇزلۇق يىغىندى قار مۇھىتى ئالتاي رايونىدىكى قار-مۇزلاردىن ئېرىگەن سۇ دېيتېرىينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ يېنىك مولېكۇلىلىق سۇ بولۇپ، ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا ئۇ «ئالتۇن تاغدىكى ئاجايىپ سۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئالتاي شەھىرىنىڭ دادۇڭگوۋ سۇ مەنبەسىدىكى تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ بايلىقىغا تەۋە بولۇپ، زور بازار تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە.

  ئالتاي تاموژنىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەل، خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىنى قوللاش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، تاموژنا بىلەن كارخانا ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ياردەم بېرىش-يۆلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، پۈتۈن تەرتىپ بىر گەۋدىلەشكەن «ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇششەكلى»دىكى مۇلازىمەتنى قوللىنىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش «يېشىل يولى» ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى.(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىر لى نىڭيەن)