ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 ـ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年05月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 ـ يىغىنى 1 ـ ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 59 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 ـ يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى (لايىھە)، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى، 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلارنى تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى، بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.