ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جياڭسۇغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

日期:2023年05月30日
来源:天山网
【字体:

شىن چاڭشىڭ، ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، نەنجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن 29 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جياڭسۇغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شىن چاڭشىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جياڭسۇ . شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

شىن چاڭشىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جياڭسۇنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى شىنجاڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان ياخشى جاي، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان ياخشى جاي، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، تىنچ ـ ئىناق، باياشات بولغان ياخشى جاي، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل، رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرىگە تولغان ياخشى جاي بولۇپ، بۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى جەزمەن زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت، جەزمەن ياخشى قىلىشقا تېگىشلىك ئۆز ئىشىمىز دەپ بىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولىمىز؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى كۆزلەپ، يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا قۇرۇقلۇق، دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت يولى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىمىز؛ دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك ھەمكارلىشىش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جياڭسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز.

ئەركىن تۇنىياز جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جياڭسۇ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جياڭسۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشتىن ـ ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئەمەلىي مەبلەغ سېلىپ، چىن مېھىر ـ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر تۈركۈم ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يارىتىپ، جياڭسۇنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدا مېڭىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، جياڭسۇ بىلەن شىنجاڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسى كەڭ، ئىستىقبالى پارلاق. باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جياڭسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى؛ جياڭسۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق تەرەققىياتى جەھەتتە شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىشىنى؛ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دوستلۇقنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدىغان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جياڭسۇدىكى مەزگىلدە، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، پەن ـ تېخنىكا كارخانىلىرى، سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن خەن لىمىڭ، ساۋ لۇباۋ، ليۇ جيەنياڭ، چۇ يۇڭ_خۇڭ، ما شىن، خۇ گۇاڭجيې، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ سۇشې، خا زېڭيوۋ، ياڭ شيۇلى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.