ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلىي نەتىجە يارىتىلدى، ئالدىن يۈرۈش ئارقىلىق يېڭى ئۈلگە يارىتىلدى

日期:2023年05月29日
来源:天山网
【字体:

جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە:

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلىي نەتىجە يارىتىلدى، ئالدىن يۈرۈش ئارقىلىق يېڭى ئۈلگە يارىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر يې شىتىڭ

چيەنجياڭ دولقۇنى تارىمغا قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقتى، كۈچ ئۇلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى 2010 - يىلىدىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 - شىسىغا نىشانلىق ياردەم بەردى، شىنجاڭغا داۋاملىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇردى.

جېجياڭدىن 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جەمئىي 1093 تۈرنى يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ۋە ئاساسىي قاتلامغا ئىشلەتتى، جېجياڭ - ئاقسۇ ئىككى جايدىكى 490دىن ئارتۇق مەكتەپ، 4500دىن ئارتۇق سىنىپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قوشماقلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، 52 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى... شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، جېجياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى تەدبىرلىرىنى سىجىل يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇختا ئىشلەش، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنىكى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ «جېجياڭ ئۈلگىسى»نى ياراتتى.

كەسىپ يېڭى ساھەسىنى ئاچتى، ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى

ھازىر، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) ئىچىدە، ئاقسۇ يېنىك سانائەت بەش خىل مېتال شەھەرچىسى تۈرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)نىڭ كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ ۋە كېڭىيىپ، كەسىپلەر توپلىشىش ئېففېكتى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەنمەكتە.

2020 - يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)نىڭ يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، گۈل بېسىش - بوياش، كىيىم - كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپلەر توپلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، لېكىن كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يەككە، كەسىپ بىلەن شەھەرچە يۇغۇرۇلۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، «توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك + يېنىك سانائەت، بەش خىل مېتال» «كەسپىي بازار + ئەمەلىي گەۋدە ياسىمىچىلىقى» قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان تۈر − ئاقسۇ يېنىك سانائەت بەش خىل مېتال شەھەرچىسى بارلىققا كەلدى. بۇ تۈر 2021 - يىلى 3 - ئايدا يولغا قويۇلۇپ، شۇ يىلى 7 - ئايدا پۈتتى، 8 - ئايدا باغچە رايونى ئېچىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېنىك سانائەت، بەش خىل مېتال كەسپىي بازىرىغا ئايلاندى.

«ۋارىسلىق قىلىش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىجادىي يولغا قويۇش جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئىلگىرىكى ئەۋزەل ساھەلەرنى، ھازىر بار بولغان خىزمەت ماركىلىرىنى مۇستەھكەملىدى، ھەم يېڭى ساھەلەرنى پائال كېڭەيتىپ، يېڭى ماركا يارىتىپ، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولدى.

«10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىنقى بىر تۈركۈم كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاساسىدا، بىر تەرەپتىن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «تور سىرتىدا ئونغا كىرگۈزۈش» (ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا، دۆلەت كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازىرى، مېۋە - چېۋە دۇكىنى قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈش)نى ئالغا سىلجىتىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدە تور سىرتىدىكى دۇكاندىن 1778نى قۇرۇپ، «100 شەھەر، 1000 دۇكان» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ بىر تەرەپتىن، تەسىر كۈچىگە ئىگە ئوندىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تور دۇكىنىدىن 227نى تەسىس قىلىپ، «10 تور، 100 دۇكان» بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىدا سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭدىكى 200 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 150 مىڭ دېھقان - چارۋىچىنى قاپلىدى.

«100 كەنت، 1000 زاۋۇت» «10 مىڭ مو، 100 مىليون يۈەن» قاتارلىق كەسىپ قۇرۇلۇشلىرى 2.0 نۇسخىغا قاراپ قەدەم قويدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى يېڭى بازار كەنتى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كۇچا شەھىرىنىڭ خانىقاتام يېزىسى بوز ئېرىق كەنتى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق بەش تۈرنى قوللاپ، 700دىن ئارتۇق يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، ئىقتىسادى ئاجىز 25 كەنتنىڭ ھەر يىللىق كىرىمىنىڭ 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى؛ «بىر ناھىيە، بىر مەھسۇلات، بىر زەنجىر»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كۆرگەزمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا ئېكولوگىيە جەھەتتە ياردەم بېرىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ساھەسى بويىچە شىنجاڭغا جانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، «10 مىڭ مو، 100 مىليون يۈەن» قۇرۇلۇشىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدىكى غايەت زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى.

ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى

«پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى! شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ياخشى!» دېدى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى قەلىيەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلمىرە يۈسۈپ. 2022 - يىلى 2 - ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە بالىلار ئىچكى كېسەللىكلىرى مەخسۇس بۆلۈمى ئىتتىپاقى پائالىيىتىنىڭ ياردىمىدە، گۈلمىرەنىڭ يەتتە ياشلىق قىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قاپقا ۋېناسى يۇقىرى بېسىملىق تال - بۆرەك ئېقىم بۆلۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىندى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپكە كىردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جېجياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىش داۋامىدا، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ رايون داۋالاش مەركىزىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىراقتىن داۋالاش، قەرەللىك تەربىيەلەش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، «جېجياڭ ئارقا سەپ ياردەم بېرىش دوختۇرخانىسى − ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانا − ناھىيە (شەھەر)لىك دوختۇرخانا − يېزا - بازار (مەھەللە، تۇەن - مەيدان) دوختۇرخانىسى»دىن ئىبارەت كۆپ دەرىجىلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويىدىغان، كۆپ تەرەپ نەپكە ئېرىشىدىغان داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جانلىق شەكىلدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان، تۈركۈم - قېتىملارغا بۆلۈپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېببىي كەسىپ بويىچە پەنلەرگە ئايرىپ، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس بۆلۈم ئىتتىپاقىدىن 21نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، 400 مەيداندىن ئارتۇق توردا ۋە تور سىرتىدا تەربىيەلەش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 300 قېتىمدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يېتەكلەپ ئۆگىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تېببىي ئىلىم ئالماشتۇرىدىغان ۋە بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالايدىغان ئاساسلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 10 مىليون يۈەنگە يېقىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەييارە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمەت ئاپتوموبىلىدىن ئۈچنى سېتىۋېلىپ، «2 - دەرىجىلىك دوختۇرخانا»نى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە يۆتكەپ كېلىپ، «داۋالاش چوڭ بازىرى»دا سەييارە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى.

ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىش داۋامىدا، جېجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە چوڭ ئۆمەك تەشكىللەش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ بىرىكىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ چوڭ ئوقۇتۇش - تەتقىقات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي مائارىپقا تىرەك بولۇش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ چوڭ ياردەم بېرىش - يېتەكلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ چوڭ ئىتتىپاق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى توپلاش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئادەم تەربىيەلەيدىغان چوڭ سىستېما بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش؛ چوڭ توپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مەدەنىيەت - ساياھەت ئالتۇن نام كارتىسىنى جۇلالاندۇردى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ شانلىق سەھىپە پۈتتى

2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تونۇشتۇرغان مەملىكەت بويىچە ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقا دائىر مۇنەۋۋەر تىپىك مىساللار ئىچىدە، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن بىرلىشىپ، «مەن جېجياڭ - شىنجاڭنى سۆيىمەن» ناملىق شىنجاڭغا مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش ماركىسىنى ئورتاق ياراتقانلىقى، «مېھمان ئۇزىتىش، مېھمان جەلپ قىلىش»نى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانلىقى مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مىسال سۈپىتىدە تاللاندى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېيلار جېجياڭ - شىنجاڭدا، خەتتاتلىق - رەسساملىق جېجياڭ - شىنجاڭدا، شىچۈ تىياتىرى جېجياڭ - شىنجاڭدا، كىتابخۇمارلىق جېجياڭ - شىنجاڭدا، ۋارىسلىق قىلىش جېجياڭ - شىنجاڭدا، لەرزان ئۇسسۇل جېجياڭ - شىنجاڭدا، تالانتلىقلار - ئىختىساسلىقلار جېجياڭ - شىنجاڭدا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى جېجياڭ - شىنجاڭدا قاتارلىق ئون تۈرلۈك تەدبىرنى چوڭقۇر يولغا قويدى. 100 مەيدان قىزىل شىچۈ تىياتىرى سەييارە ئويۇنى، 100 مەيدان شىچۈ تىياتىرى مەكتەپ لېكسىيەسى، 100 شەھەر كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇشى، 100 تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەييارە كۆرگەزمىسى، 100 پارچە پارتىيە تارىخى ماتېرىيالى سەييارە كۆرگەزمىسى، 100 پارچە دېھقانلار رەسىم ئەسەرلىرى سەييارە كۆرگەزمىسى، 100 نەپەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، 100 پارچە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسىرىنى ئىجاد قىلىش قاتارلىق ئون تۈرلۈك «مىليون» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى، قاتناشقان ئامما 6 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نىڭ كىشىلەر قەلبىگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولدى.

ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2022 - يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شەھەر كۇتۇپخانىسىدىن 100 نەچچىنى قۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يۇرتى، كۆكيار خاتىرە سارىيى، جىنخۇا يېڭى كەنتى قاتارلىق تۆت «ئوقۇش بازىسى» ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قەغەز كىتابلارنى ماس قەدەمدە سەپلىدى. جېجياڭ - ئاقسۇدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئاممىنى تەشكىللەپ بۇلۇت تېرمىنالىدا تورغا ئۇلاپ يېزا - كەنت مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، جېجياڭ - ئاقسۇ چوڭ دەرسخانىسى دوكلات يىغىنى، مىكرو پارتىيە دەرسى مۇسابىقىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، 10 مىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۇسسۇل، قەغەز قىيما، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىقلارغا ئائىت سىنلارنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللەپ، بۇلۇت تېرمىنالىغا چىقىرىپ، پۈتۈن تور بويىچە باھالاپ - سېلىشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر نومۇرلارنى نامايان قىلدى، كۆرسەتتى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىشىپ، 2021 - يىلى «100 ئۆمەك، 10 مىڭ كىشى» ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىككى يىلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە 62 نۆۋەت قېتىم ھۆددە ئايروپىلان، مەخسۇس پويىز تەشكىللىدى، بۇ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ساياھەت ئۆمىكىدىن 5670نى تەشكىللىدى، ساياھەتچى 1 مىليون 80 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 1 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى رەقەملىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «رەقەملىك تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئاقسۇ، ئارالدىكى جېجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ساياھەت بايراقدار دۇكىنى»نى ئەلالاشتۇردى، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، تورغا چىقاردى. ئىجادىي قىسقا سىن توپلاش، ياشلىق ۋە تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش «قىزىقارلىق» ساياھىتىنى كېڭەيتىش پەسلى، ئالتۇن كۈز ئىستېمال پەسلى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئاقسۇ ساياھەت ماركېتىڭىغا توردا تۈرتكە بولۇشقا كۈچىدى. جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى جېجياڭ ئۆلكىلىك تېلېگراف شىركىتىنى «ئاقىل ساياھەت» باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى لايىھەلەپ تاماملاشقا ماسلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا «ئاقىل ساياھەت» بولماسلىقتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ساياھەت كەسپىدە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.