«غايەت زور قارانچۇق دۇنياسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ

日期:2023年05月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى(مۇخبىرۋاڭ شىنخۇڭخەۋەر قىلىدۇ) سىزنىڭ سانجى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى غايەت زور قارانچۇق دۇنياسىدا نېمىلەر بارلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كېلىپ داكا قىلىڭ! مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە ئون دالا سەنئەتكارىسانجى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا ئۇچرىشىپ، كۆممىقوناق شېخى، سامان ۋە شال پاخىلىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ئاجايىپ-غارايىپ غايەت زور قارانچۇق دۇنياسى ياسىدى، 6- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

جىنگاڭ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

غايەت زور قارانچۇق دۇنياسىدا، «جىنگاڭ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن» دەپ ئاتىلىدىغان بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى غايەت زور ئورانگۇتان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى ئاغزىنى ئېچىپ ھۆركىرەۋاتقان، يەنە بىرى ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ كۆكرىكىنى قوغداپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى بۇ يەرنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئوخشايدۇ. «ئۇ ئىككىسى بۇ يەردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان، باغچا ئېچىلماي تۇرۇپلا دوستلار چەمبىرىكىنى قىزىتىۋەتتى، بۇلار دەل ئېقىم مىقدارى شاھى» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەن رۇڭ.

لۇڭماۋ. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

بۇ يەردە يەنە لۇڭماۋ، سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق، نېجا، يېشىل غايەت زور توشقان، شال پاخىلى سىرلىق ئوردىسى بار... مۇنداقلا سۈرەتكە تارتسىڭىز، ھەممىسى ئەسلىمىگە تولغان «شال چۈشى»نىڭ ئىزنالىرى بولۇپ قالىدۇ. «ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كەلسە، داكا قىلىپلا قالماي، يەنە ئاتا-ئاناۋە بالىلار ھەمتۈرتكە بولىدۇ، دوستلار جەم بولالايدۇ» دېدى پەن رۇڭ.

شال پاخىلى ئېيىقچاق. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 2010-يىلى پىلانلىنىپ قۇرۇلغان،2011-يىلى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2300 مو بولۇپ، ئاساسلىقى كۆرگەزمە رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمە رايونى ۋە ئىستىراھەت ساياھەت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەلىك رايونغا بۆلۈنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ جاي دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى ئۈلگە بازىسى، دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

چىغ قالپاقلىق يىگىت. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

شال پاخىلى سىرلىق ئوردىسى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى