تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى گۈزەل تۈسكە كىردى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

​− شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى لى يانەن، ياڭ شوبى، شياڭ زىفېڭ

5 - ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا گۈللەر كىمخاپقا ئوخشايتتى، شىنجاڭ تۇپرىقى رەڭدار تۈسكە كىرگەنىدى، گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى يول بويى گۈل - گىياھلارنى قوغلىشىپ، شىنجاڭغا كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدەك كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىگە گۇۋاھ بولدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات گۈللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق گۈللىرى، مەدەنىيەت - مەدەنىيلىك گۈللىرى، بەخت، بېيىش گۈللىرى... شىنجاڭدا پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس تاشيول پورتىدىكى كۆزىتىپ ئۆلچەش چوڭ ئېكرانىدا، ماللار تاموژنىدىن ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈش ئەمەلىي ۋاقىتتا نامايان بولۇپ تۇراتتى. شۇ كۈنى قورغاس تاشيول پورتىدا چېگرادىن كىرىپ - چىققان يۈك ئاپتوموبىلى تۇنجى قېتىم 1000دىن ئېشىشتەك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 1099غا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. قورغاس تاشيول پورتىدا كۈندە چېگرادىن كىرىپ - چىقىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى 2019 - يىلىدىكى 300گىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن، بۈگۈنكى كۈندىكى 1000دىن ئاشىدىغان ھالەتكە يەتتى، مال ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بىر ئۆرنەككە ئايلاندى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىپەك يولى تۇتىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كېچە - كۈندۈز قاتناپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى؛ يېشىل كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى، كۈچلۈك پايدىلىنىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى...

ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا.

كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك تەرەققىياتقا كۈچ قوشتى

گۈل ۋاسىتە قىلىنىپ، گۈل ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى گۈللەندۈرۈلدى، «گۈل ئىگىلىكى» شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولماقتا. شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى ياراتتى.

5 - ئاي كىرىشى بىلەن، ئاپتوموبىلدا ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى بويلاپ غەربكە قاراپ ماڭغاندا، يول بويىدا گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ، دەل دەرەخلەرنىڭ بۈك - باراقسان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسى سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسىدا، دۆلەت يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخار ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنىدى. تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى ئىلگىرى پەقەت ئون نەچچە يۈەندىنلا ساتقىلى بولاتتى، ھازىر 300 يۈەنگە يېقىن ساتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

«يوپۇرمىقىدىن <ئاق شېكەر> ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. ساپلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بولغاچقا، بىز شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا تاتلىق جۇخار گىلىكوزىدى ئىشلەپچىقىرالايمىز.» شىنجاڭ خۇيجيا بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارنىڭ يوپۇرمىقىدىن ساپلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىن ئاق رەڭلىك كىرىستال ئاستا - ئاستا ئاجرىلىپ چىقىپ، تاتلىق جۇخار گىلىكوزىدى تەييارلىنىۋاتاتتى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جوۋ مېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارنىڭ يوپۇرمىقى بىر خىل تەبىئىي ئەلا سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچى بولۇپ، تاتلىقلىق دەرىجىسى قۇمۇچ شېكىرىنىڭ 300 ھەسسىسىدىن 400 ھەسسىسىگىچە توغرا كېلىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى ئاق شېكەرنىڭ پەقەت1/300گە توغرا كېلىدۇ. تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارنىڭ يوپۇرمىقىدىن ئايرىۋېلىنغان تاتلىق جۇخار گىلىكوزىدى تېببىي دورا ۋە يېمەكلىك سانائىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ خۇيجيا بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچەپ يېتىشتۈرگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانا. نۆۋەتتە شىركەت تاتلىق جۇخار گىلىكوزىدى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئىككىنى قۇرۇپ، بىر يۈرۈش يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئۈسكۈنىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇدا تەتۈر ئېقىملىق ئايرىش، ئۇدا ئىيونلۇق ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى، پەردە ئارقىلىق ئايرىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، شىنجاڭدا تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارنىڭ يوپۇرمىقىدىن ئۇدا ئايرىۋېلىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

بۇ پەقەت شىرنىلىككە تولغان تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخار كەسپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۈستىقۇددۇس، قىزىلگۈل، چوغلۇق... گۈلنى چۆرىدەپ ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلغان كەسىپ زەنجىرى بارغانسېرى كۆپ ئاممىنىڭ گۈلگە تايىنىپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتى 3 - گۇرۇپپىسىدىكى كەنت ئاھالىسى ما جۇڭلياڭنىڭ دۇكىنىدا ئۈستىقۇددۇستىن ئىنچىكە پىششىقلانغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار: جەۋھەر ماي، قۇرۇق گۈل، يۆلەنچۈك ياستۇق... رەتلىك تىزىلغانىدى.

«بېيىماقچى بولسا تېرىقچىلىققا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئامال قىلىپ ئۈستىقۇددۇسنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك» دېدى لۇساۋگۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى زېڭجيې. 2010 - يىلى سىگۇڭ كەنتى ئۈستىقۇددۇس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىنۇڭشياڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، جەۋھەر ماي پىششىقلاش كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ، تېرىش، ئېچىش، سېتىشتىن تارتىپ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئۈستىقۇددۇس شاخ - شۇمبىلىرىنى قايتا يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش، كېرەكسىز نەرسىلەرنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇشقىچە بولغان خاس كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، 300دىن ئارتۇق دېھقان «گۈلچى دېھقان»دىن «گۈل سودىگىرى»گە ئايلاندى.

«دۇكىنىمدا ئۈستىقۇددۇس جەۋھەر مېيى ئەڭ قارشى ئېلىنىدۇ» دېدى ما جۇڭلياڭ. ئۈستىقۇددۇسنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2022 - يىلى سىگۇڭ كەنتىدىكى 718 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 22 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن بازارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىدىن تەخمىنەن 2000 يۈەن يۇقىرى بولدى.

غەربىي شىمال چېگرا رايونى ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى

لازىلار يېرىم غېرىچ ئۆسۈپ بولغۇچە، شوخلىلار قىزىرىشقا باشلىدى، يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۈزگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى 163 - تۇەن 7 - ليەننىڭ خىزمەتچىسى ليۇ جىنجىڭ كۆكتات پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «بىزنىڭ بۇ يەردە جەمئىي 150 پارنىك بار بولۇپ، چۆچەك شەھىرى يۇڭلى سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىغا تەۋە.» ليۇ جىنجىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ شىركەتكە تاپشۇرساق، ئەتىلا قازاقىستاندىكى ئائىلىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىپ بولىدۇ.

پارنىك سىرتىدا، شىركەتنىڭ مەسئۇلى يۈ شىنلى سېتىۋېلىشنى كۈتۈۋاتاتتى. مېۋە - كۆكتات تاشقى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان يۈ شىنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تارباغاتاينىڭ باقتۇ پورتىدىن 80 مىڭ توننا ئەتراپىدا مېۋە - كۆكتات ئېكسپورت قىلىدۇ، بۇنىڭ %40ى يەرلىك مال مەنبەسى بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، «بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئۆستۈرگىلى، بىر مو يەردىكى پارنىكتىن 50 مىڭ يۈەن پايدا ئالغىلى بولىدۇ».

بۇنداق پايدا ئېچىۋېتىشتىن كەلگەن. 2013 - يىلى 12 - ئايدا، چۆچەك شەھىرىگە 12 كىلومېتىر كېلىدىغان باقتۇ پورتىدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» ئېچىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى. «كۈتۈپ تۇرۇش ھاجەتسىز، كەلگەن ھامان بېجىرگىلى بولىدۇ» دېدى يۈ شىنلى.

«پولات كارۋان» دەپ ئاتالغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گۈرۈلدەپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، لىق يۈك ساندۇقى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى توختىماي قاتنايدۇ... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى پورتلاردا ئالدىراش مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 94 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %82.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 80 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، %90.1 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 79.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر ئىچىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد چېگرا لىنىيەسى بويىدا ياشاپ كەلگەن چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى قاراڭگۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ شياۋپىڭ بار. جاڭ شياۋپىڭ ئۆيىدە بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپلا كىچىك پىروگرامما ئارقىلىق 7200 يۈەنلىكتىن ئارتۇق زىغىر ئىمپورت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، شۇ جايدىكى پىششىقلاش كارخانىسىغا سېتىپ بەردى. چېگرا ئاھالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ كۈنىگە 8000 يۈەنلىك باج كەچۈرۈم ئىمپورت نورمىسى بار.

2019 - يىلى، باقتۇ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، 2022 - يىلى، شىنجاڭدا ئۆز جايىدا پىششىقلاش بويىچە «توپ كىرگۈزۈش - توپ چىقىرىش» ئەندىزىسى ئالدى بىلەن تاماملاندى: چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شەكلىدە ئۆمەك تەشكىللەپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى ئارقىلىق مال ئىمپورت قىلىشقا قاتنىشىپ، ئاندىن ئۆز جايىدىكى پىششىقلاش كارخانىلىرىغا سېتىپ بەردى.

«ئىلگىرى توپ كىرگۈزۈپ پارچە چىقىرىشتا، ھەر كۈنى پورتقا بېرىپ نەق مەيداندا ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ھازىر بىز 224 چېگرا ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، بارمىقىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپلا ئىلتىماس قىلىشنى تاماملاپ، ھەر ئايدا يەنە 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز» دېدى جاڭ شياۋپىڭ.

يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

تەكلىماكاننىڭ چېتىدىكى قۇملۇق تاشيولىدا ئاپتوموبىللىق كېتىۋېتىپ، يېراقتىن چۆللۈككە نەزەر سالغاندا، رەت - رەت چاقناپ تۇرغان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى كىشىگە يېڭى ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سېلىنما گۇرۇھى لوپ يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مەتياسىن ئەمەت يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى. مەتياسىن ئەمەت لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى جىمى كۆلئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سېلىنما گۇرۇھى لوپ يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى بەش كىلومېتىرلا كېلەتتى، مەتياسىن ئەمەت 2021 - يىلىدىن باشلاپ بۇ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، يۈك توشۇغۇچىدىن يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، بۇ يىل، ئۇ شۇ كەنتتىكى 20 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ، باغچە رايونىدا قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش تاختىسىنى قوراشتۇردى، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەن بولدى.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە تەخمىنەن 1500 كىشى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لوپ ناھىيەسىدىكى يەرلىك ئىشلىگۈچىلەر 1000 كىشىگە يەتكەن. ئۈچ ئاي ئىلگىرى، بۇ تۈردە پۈتۈن سىغىمچانلىق بويىچە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى، يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارىىنىڭ 360 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شامال ئېنېرگىيەسى «شامال ئىگىلىكى»گە ئايلاندۇرۇلدى، 2000 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تارباغاتايدا، مول شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى دىدارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەردى.

يېرىم ئاي ئىلگىرى، دىدار سەنيى ئېغىر سانائىتى - ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سەنيى(تارباغاتاي) شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا ئىشلەپ، ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدىغان بولدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي پۈتۈپ، تارباغاتاينىڭ شامال كۈچى بايلىقى مول بولسىمۇ، ئەمما شامال گېنېراتۇرى جابدۇق ياسىمىچىلىقى يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرغان.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە شىنجاڭ بويىچە داڭلىق ئىككى چوڭ شامال رايونى، يەنى كونا شامال ئېغىزى − مايتاس، خېجياۋكې − تېرەكتى رايونى بار، شامال رايونىدا شامالنىڭ سېكۇنتلۇق ئوتتۇرىچە سۈرئىتى 6.5 مېتىردىن 9.35 مېتىرغىچە، يىللىق پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىت 7500 سائەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

«نۆۋەتتە، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى سەنيى ئېغىر سانائىتى - ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تۆت شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسىنى كىرگۈزدى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شياۋ زۇۋېن.

قۇرغاق بولۇش، يامغۇر ئاز يېغىش، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك بولۇش، قۇم - بوران كۈچلۈك بولۇش، بۇ شارائىتلار شىنجاڭنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى تۇتقىغا ئايلانماقتا، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، بۇ يىل 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 2.1 ھەسسە ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سېلىنغان مەبلەغنىڭ 7.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە شامال كۈچىدىن توك چىقىرىشقا سېلىنغان مەبلەغ %75.5 ئاشتى، يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىشقا سېلىنغان مەبلەغ 4.5 ھەسسە ئاشتى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك مەنبەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 117 مىليون 210 مىڭ كىلوۋات بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 43 مىليون 170 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى ئۆلكىلەر بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

(«خەلق» گېزىتىنىڭ 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)