جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年05月25日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى توروبايېف، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى توروبايېف باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت، كارخانىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلاندى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى سەھىپە پۈتتى. بىز بۇ قېتىمقى كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ جاپاروف جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق، ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق مۇددىئانامىسىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز.

تولوبايېف قىرغىزىستاننىڭ سودا، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى سېلىنما يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ سودا، ئىقتىساد ۋە سېلىنما ساھەسىدىكى ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق ھەمراھى، 400دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى ۋە شېرىك كارخانا قىرغىزىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تىجارەت قىلماقتا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم، زور تۈرلەر شۇ جايدا ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت رامكىسى ئىچىدە، ئۆزئارا پايدا ـ مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئىنتايىن مۇھىم، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تاشقى سودا، قاتناش ـ تىرانسپورت، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى، ئىككى تەرەپ كارخانىچىلىرى كەلگۈسى ھەمكارلىق توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

سۈن خۇڭمېي ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.