5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك

日期:2023年05月24日
来源:天山网
【字体:

ھۆل-يېغىندىن ئالدىن مەلۇمات:5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن جايلاردائوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ) ياغىدۇ، جەمئىيھۆل-يېغىن مىقدارى 60-40 مىللىمېتىرغىچە، ئەڭ چوڭ سائەتلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى 30-20 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئاساسلىق ھۆل-يېغىن ۋاقىت بۆلىكى: ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئىلى ئوبلاستىدا 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىدە 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات:5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

قۇم-بوراندىن ئالدىن مەلۇمات: 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا بوران كۈچى سەككىز بالدىن توققۇز بالغىچە بولىدۇ، 11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا ئارىلاپ بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ ھەمدە قۇم ئۇچىدىغان ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدىن ئالدىن مەلۇمات: 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5-℃3قىچەتۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30-℃25قىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15-℃12قىچە بولىدۇ؛ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى