شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيلىرىنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇماقتا

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

يېڭى ئىدىيە مۇزېيلاردىكى كۆرگەزمىلەرنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق قىلدى؛ مودىغا بىرلەشتۈرۈش مۇزېيلارنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىنى سانسىزلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى؛ يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا مۇزېيلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا جايلاشقان، مول ۋە قىممەتلىك تارىخقا ئىگە مۇزېيلار ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان ھالەتتە ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا سىڭمەكتە.

ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش

كۆرگەزمىلەرنى جانلىق، تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلدى

5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيى كۆرۈرمەنلەر بىلەن لىق تولدى. «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە زالىدا، بىرقانچە كۆرۈرمەن رەڭلىك چوڭ ئېكراننى چۆرىدەپ «يىپەك يولى بازىرى» كۆزنىكىنى يېنىك چېكىپ، بۇ بازاردىكى ئاجايىپ قىممەتلىك بۇيۇملارنى «سېتىۋالدى».

شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 ـ قارارلىق يېڭى مۇزېيىدىكى بۇ چوڭ كۆرگەزمىدە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەمتۈرتكە ئويۇن تۈرىدىن 100گە يېقىنى تەسىس قىلىنغانىدى. كونا تاش قوراللار دەۋرى بۆلىكىدە، كۆرۈرمەنلەر سىلاپ بېقىش ئارقىلىق چوقۇپ ياسالغان تاش قوراللار بىلەن ئەسلىي تاشلارنى پەرقلەندۈردى؛ رەڭلىك ساپال بۇيۇملار بۆلىكىدە، كۆرۈرمەنلەر خۇارۇڭداۋ شەكىل قۇراشتۇرۇش ئويۇنى ئارقىلىق رەڭلىك ساپال بۇيۇملارنىڭ گۈل نۇسخىلىرى بىلەن تونۇشتى؛ توقۇلما بۇيۇملار بۆلىكىدە، كۆرۈرمەنلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان رەڭلىك يىپلار بىلەن قەدىمكىلەرنىڭ توقۇمىچىلىق ھۈنىرىنى ھېس قىلدى... ئويناشقىمۇ، تۇتۇپ بېقىشقىمۇ بولىدىغان، يېڭىچە، قىزىقارلىق بولغان بۇ ھەمتۈرتكە ئويۇن تۈرلىرى بالىلارنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىمۇ بەس ـ بەستە ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

«<يىپەك يولى بازىرى> ئويۇنىنى ئوينىغاندا، مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇرۇنقى يىپەك يولىدىكى بازىرى ئىتتىك تاۋارلارنى چۈشىنىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەخمىنىي باھاسىنى بىلگىلى بولىدىكەن، ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەن» دېدى گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى خې يۆشېڭ.

«مۇزېينى ھەقىقىي تۈردە بىر داشۆگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. بۇ ھەمتۈرتكە ئويۇن تۈرلىرى كۆرگەزمىنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا.

ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىلىپلا قالماي، يېڭى تېخنىكىلارمۇ تارىخنى «ئويغىتىپ»، كۆرۈرمەنلەرگە يېپيېڭى تۇيغۇلارنى ئېلىپ كەلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي ئۈچ ئۆلچەملىك سىن تەسۋىرى، كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق رەقەملىك كۆرگەزمە «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر − خوتەن تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى»نى كۆڭۈل قويۇپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، كۆرۈرمەنلەرنى بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلدى. بۇ يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى مەملىكەتلىك مۇزېيلارنىڭ «ئون چوڭ كۆرگەزمە نادىر ئەسىرى بويىچە نادىر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن مۇزېي كۆرگەزمىسى بولۇپ قالدى.

رەقەملىك تېخنىكا مۇزېيلارنى ۋاقىت ۋە بوشلۇق چەكلىمىسىدىن ھالقىغۇزدى، كۆرۈرمەنلەرنى تارىخقا «يېقىنلاشتۇرۇپ»، ئىزدىنىپ بايقاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يۇرتى(مۇزېي) رەقەملەشكەن مەۋھۇم ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى ھېس قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتە پىرويېكسىيەلەپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش، 3D ئىستېرېئولۇق ھېس قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق، كۆرۈرمەنلەر كۇچا دوستلۇق يولىدىكى ۋېي، جىن سۇلالىسى 16 بەگلىك دەۋرىدىكى قەبرىنى قېزىش نەق مەيدانىغا «بېرىپ»، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىكى ئاجايىپ جەريانلارنى ھېس قىلدى. بۇ تۈر يولغا قويۇلۇشى بىلەنلا نۇرغۇن كۆرۈرمەننى جەلپ قىلدى.

مول ۋە قىممەتلىك تارىخقا ئىگە مۇزېيلار ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلارنىڭ ھەممىسى ئالقىشقا ئېرىشكەن جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇزېيلاردا كۆرۈرمەنلەر سانى رېكورتى ھەر يىلى يېڭىلىنىپ تۇرماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە ياش ـ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن ئاشتى. مۇزېي ھەر مىللەت پۇقرالار ياقتۇرىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت چوڭ دەرسخانىسىغا ئايلاندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مۇزېي ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ جىنۋېن.

مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىكى يېڭىلىقلار

مۇزېي بىلەن مودىنى بىرلەشتۈردى

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «مىڭ يىللىق سۆز» ناملىق تىياتىر شىنجاڭ مۇزېيىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزۈلگەن سەھنە تىياتىرى بولۇش سۈپىتىدە 2022 ـ يىلى 6 ـ ئايدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى بىلەنلا بارلىق مەيداننىڭ ئىشىك بېلىتى سېتىلىپ بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇگۇڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئىلھامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇزېيلاردا مەدەنىيەت ئىجادىيەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭ مۇزېيى ئالتە چوڭ يۈرۈشتىكى 300 نەچچە خىل مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتىنى بارلىققا كەلتۈردى؛ تۇرپان مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىسى تەسىس قىلدى، بۇنىڭدا تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى توپىدىن قېزىۋېلىنغان كىمخاب توندىكى تەقدىرداش قۇش ئوبرازى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندى؛ قومۇل شەھەرلىك مۇزېي خەن، تاڭ سۇلالىسىدىكى مەخپىي سۆزلەر يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى...

مۇزېيلاردىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى دۆلەت گۆھىرى ھېسابلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مودا قىياپەتنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭ مۇزېيى 2 ـ قارارلىق يېڭى مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى رايونىدا، نەچچە يۈز خىل مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى مەدەنىيەت تۈسىگە تولغان مودا مەنزىرە لىنىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. يېڭىچە، قىزىقارلىق، زوقلىنارلىق، چىرايلىق، ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى نۇرغۇن ياشلارنى جەلپ قىلدى.

«مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتىدىن ھەربىرى سېتىلسا، تارىخىي مەدەنىيەتنى بىر قېتىم تارقاتقانلىق ھېسابلىنىدۇ» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۇەن يى. بۇ يىل «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يېڭى مەھسۇلاتى − «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن شۆگاۋنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ساياھەتچىلەر شۆگاۋنى يەپ بولۇپ، ئورالما قېپىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىدى، ئەسلىدە ئورالما قېپىنىڭ ئىچىگە «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىنىڭ قولدا سىزىپ رەڭ بېرىش كارتىسى ۋە ئاتكرىتكا «يوشۇرۇنغان» ئىدى. «بۇنى بىز كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىگەن، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشقا يېتەكلەشنى ئويلىدۇق» دېدى گۇەن يى.

5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيەت يېڭى مەھسۇلاتى «تيەنگۇڭ بازىرى»نى ئېلان قىلىدۇ، بۇ نۇرغۇن ياشلارنى جەلپ قىلدى، ئۇلار ئۆزئارا تەشۋىق قىلدى. «بىز قەدىمىي كۈسەن تام رەسىملىرىنى مودا ئېقىم بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى سىناپ، ئۇنىڭغا ياشلىق ھاياتىي كۈچى بېغىشلىدۇق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كۈسەن تاشغارى سەنئىتىنى چۈشىنىش ھەم ياقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى گۇەن يى.

«پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىن ئىبارەت بۇ مودا ۋاسىتە ئارقىلىق، كۆرۈرمەنلەرنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆيلىرىگە <ئېلىپ كېتىش> ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ياشلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى ۋاڭ جىنۋېن.

سەرخىل پەن ـ تېخنىكا

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

بۇ يىل «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ كۈنلۈك ساياھەتچى ئېقىم مىقدارى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، كۆرۈرمەنلەر مىغ ـ مىغ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆرگەزمە زالى، كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى.

«بىز كۆرگەزمە زالى، ئامبار، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ھەممىسىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇھىتىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش سىستېمىسى ئورناتتۇق، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك كۆزىتىش ـ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشى ئارقىلىق، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈچۈن بىخەتەر، پاكىز، مۇقىم بولغان ساقلاش مۇھىتى ياراتتۇق» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پەن ـ تېخنىكىلىق قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋەن جيې. بۇنداق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇھىتىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش سىستېمىسى خوتەن مۇزېيى، قومۇل مۇزېيى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مۇزېيلاردا ئارقا ـ ئارقىدىن ئورنىتىلدى.

يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇزېيدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 4 ـ ئايدا، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پەن ـ تېخنىكىلىق قوغداش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پەن ـ تېخنىكا تەركىبى ئەڭ يۇقىرى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دوختۇرخانىسى» ھېسابلىنىدۇ.

قوغداش مەركىزىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دەسلەپكى بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەھلىل قىلىش تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش بۆلۈمىگە كىرگەندە، خۇددى يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا تەجرىبىخانىسىغا كىرگەندەك بولىدۇ. «ھازىر، يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى.» شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پەن ـ تېخنىكىلىق قوغداش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ خۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئالدىنقى باسقۇچلۇق لايىھە تۈزگەندە، X يالتىراق نۇرلۇق ئىسپېكتىروسكوپ، X نۇرى دىفراكتومېتىر، رامان ئىسپېكتىروسكوپ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ماتېرىيال تەركىبىنى تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان ماتېرىياللارنى تاللاپ تەجرىبە ئېلىپ بارىمىز. ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، بىرنەچچە خىل يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىلىق مىكروسكوپ ئىشلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ مىكرو قىياپىتىنى كۆزىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبى ۋە ساقلىنىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، تەقلىدىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرىمىز».

پەن ـ تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

2021 ـ يىلى، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان توقۇلما بۇيۇملارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى» «2021 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ساقلىنىۋاتقان ئون نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى»گە تاللىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يىپەك يولىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئەڭگۈشتەرلەر ئامباردىكى «قاتتىق ئۇيقۇ»دىن ئويغىنىپ چىقىپ، ياشلىق باھارىنى قايتا نامايان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مۇزېيى يەنە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مۇزېيلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال ياردەم بەردى. بۇ يىل، بۇ مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ھۆججەت، توقۇلما بۇيۇملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىدىن باشقا، ئۇلار يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېي ۋە شىگشىن ئىبادەتخانىسى خارابىسى مۇزېيىدىكى لاي ھەيكەللەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى، سانجى مۇزېيىدىكى مىس بۇيۇملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالدى ھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىلىرىنى ئەۋەتىپ، قاراماي مۇزېيىنىڭ توقۇلما بۇيۇملار تۈرىدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلاردا يېڭى كۆرگەزمىلەر ئۈزۈلمىدى، كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈزلۈكسىز «يېڭىلىنىپ» تۇردى، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئارقىسىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىلىرىنىڭ قان ـ تەرى بار. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، 2022 ـ يىللىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسى بويىچە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش ئۇستىسى جوۋ جىبو ۋە شى لياڭنىڭ ھەر ئىككىسى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئالدىنقىسى قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىنىڭ تام رەسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسى، كېيىنكىسى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مىس بۇيۇملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسى.

«ئىلگىرى بىزدە ئاران ئۈچ ـ تۆتلا ئادەم بار ئىدى، ھازىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسىدىن 20سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە <90 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار> يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان كەسىپكە ئايلانماقتا» دېدى ۋەن جيې ناھايىتى مەمنۇن بولغان ھالدا.

زوۋ يىڭجيې توقۇلما بۇيۇملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسى بولۇپ، بۇ ساھەگە كىرگىلى ئالتە يىلدەك بولغان، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتناشقان، ئۇنىڭ ھۈنىرى خىزمەتداشلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى خۇددى قەدىمكى زاماندىكى ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بوشلۇق ھالقىپ سۆھبەتلەشكەنگە ئوخشايدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرگەنسېرى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار، كۆپچىلىك ياشلىق باھارى قايناق ھېسسىياتىنى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سىڭدۈردى».