چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش، ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرى بويىچە ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغان ـ قىلىنمىغانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان ـ بولمىغانلىقى، خىزمەتتە يۈكسىلىش بولغان ـ بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى چارىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، سىستېما قارىشى ۋە سىستېما ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، بىر پۈتۈنلۈك تەپەككۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق رامكىسى ئىچىدە تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئىجادىي، پەرقلىق بولغان كونكرېت تەدبىرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، گۇۋاھنامە، كىنىشكا بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، كارخانىلار ۋە ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ـ كەنت كەسىپ پۈتۈن زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت قوللاش، كارخانا ئاساسىي گەۋدە بولۇش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، باشلامچىلارنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، كەسىپ ھالىتىنى گۈللەندۈرۈش، ماركا يارىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ماركېتىڭ ئوبوروت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ھەم ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئوبوروت قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قېرىنداش ئۆلكىلەر ۋە گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پائال كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىش كېرەك. سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروت تايانچ بازىسى، ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىش سوغۇق زەنجىرى مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى تېز قۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يانداش ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرى ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ساياھەت جەھەتتىكى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت قىلىش، كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىستېمالنى قولغا كەلتۈرۈش، بازارنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ساياھەتچىلىكنى ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بايلىقلىرىنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قوغداپ، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەيلە ـ ساياھەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن يارقىن نام كارتىسىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.