شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا) يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈم مەخسۇس كۇرس مائارىپىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەرنى ئەنگە ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدا يېڭىدىن يەتتە ئالىي تېخنىكوم كۆپەيدى.

بۇ يەتتە ئالىي تېخنىكومنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلار: شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسېرلار كەسپىي شۆيۈەنى، ئاقسۇ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قەشقەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، تۇمشۇق كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، كۆكدالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنشىڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قۇرۇمقاش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى.

مەخسۇس كۇرس مائارىپىنى يولغا قويىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.