5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى−قاناس ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كېلىدۇ

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

«شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىش» قىزغىنلىقىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىقاناس ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى پىلانلىدى.


بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچىقاناس بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6613/4 بولۇپ، بوئىن B737-700 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىش-كېلىشتە 250تىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە CZ6613 نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلان بويىچە سائەت 08:05دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 09:30دا قاناسقا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە CZ6614 نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلان بويىچەسائەت 10:15تە قاناستىن ئۇچۇپ، 11:30دا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ.


نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىشۇ كۈنى قاناستىن ئۇچۇپ ئۈرۈمچى ئارقىلىق بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق قىزىق نۇقتا شەھەرلىرىگە ئايروپىلان ئالمىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. كېيىنچە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈرۈمچىقاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىپ،ئەتىگەن ۋە كەچتە قوش يۆنىلىشلىك ئايروپىلان قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىسى بەس-بەستە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «شىنجاڭنى بەھۇزۇر سەيلەقىلىش» مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتمەكتە، يولۇچىلار كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئومۇمىي قېتىم سانىغا چەك قويۇلمىغان ئاساستا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەمەلىي توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەرزان بۆلۈمچىسىنىڭ بېلىتىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەمەلىي توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭدىكى پورتلاردىن كىرىدىغان-چىقىدىغانچېگرا ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بېلەت باھاسىدا ئەسلىدىكى ئېتىبار ئاساسىدا %5 ئېتىباردىنبەھرىمەن بولالايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى