40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 2024-2023-يىللىق شىنجاڭ غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، سىستېما ئارقىلىق تىزىملاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى 40 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.

«پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭمۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭشىنجاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇشىنى، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلىشىنى قارشى ئالىمىز.»ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى غەربىي قىسىم پىلانى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۈ لىجيې تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، تەربىيەلەش خىزمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكىمۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرىدۇ.»

غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولۇپ، يېزا-كەنت مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغامۇلازىمەت قىلىش، ساغلام يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى ۋە يېزا-كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بەش مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان. قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى 2023-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار.

2001-يىلىدىن ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 38 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭغا كېلىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى