قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

​− جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش پەيتىدە يېزىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

باخې دەرياسى ساھىلى، چاڭئەن مۇنارى ئاستىدا. باش يازدىكى قەدىمىي پايتەخت شىئەندە دەل - دەرەخلەر ياپيېشىل، بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، پۈتۈن جاھان كۆكىرىپ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

«جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.» 2022 - يىلى 1 - ئايدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئالتە دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى شىئەندە ئۇچرىشىپ، كەلگۈسىنى پىلانلىدى. بۇ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەمەلىي گەۋدە شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئۈزلۈكسىز پۇختا قەدەم تاشلىدى، بۇ، مۇقەررەكى ئېنىقسىز دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش

«ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىش»

بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، غەربكە قاراپ ئۇچۇپ تىيانشان - ئالاتاۋ تاغ تىزمىسىدىن ئۆتتى، ئامۇ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قىزىلقۇم قۇملۇقى ۋە فەرغانە جىلغىسىدىن ھالقىدى. 2013 - يىلى ئالتۇن كۈزدە، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.

«جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنى دىپلوماتىيەدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش دەپ قارايدۇ.» زىيارەت داۋامىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، قازاقىستان بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دوستلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇردى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى. بىر يىلدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - تاجىكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئورتاق تەستىقلىدى.

كۆڭۈلدە نىشان بولغاندىلا، جەزمەن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يەتتە قېتىم زىيارەتكە باردى، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى كۆپ قېتىم كۈتۈۋالدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە دوستلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇردى.

بۇنداق ئالاقىلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش كىشىلەر قەلبنى ئىللىتتى −

رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا نۇتۇق سۆزلىگەندە، جۇڭگولۇق بىر بالىنىڭ يېرىم ئەسىر ھالقىپ قازاقىستانلىق ئانىسىنى ئىزدىگەنلىكى ۋە جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان قازاقىستانلىق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى ئىككى قېتىم «مۈشۈكئېيىق قېنى» ئىئانە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى بايان قىلىپ، ئىككى دۆلەتتىكى ياشلارنى جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى؛

رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستاندا، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيىپ زۇڭتۇڭ ئۆتكۈزگەن ئائىلە زىياپىتىگە قاتنىشىپ، ساھىبخانا ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى؛

رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇ جاينىڭ «ئىرادىلىك چۈمۈلىمۇ تاغنى يۆتكىيەلەيدۇ» دېگەن تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان تىرىشچانلىق روھى بىلەن جۇڭگو - تاجىكىستان دوستلۇقىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئورتاق يارىتىش ئاكتىپ ئارزۇسىنى بىلدۈردى؛

رەئىس شى جىنپىڭ تۈركمەنىستاندىكى كىچىك شەھەر مالېيغا مەخسۇس بېرىپ، «گۈللىنىش» ناملىق گازلىقنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش ئىشلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىپ، تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى؛

رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، «يىپەك يولىدىكى تىرىك تاشقاتما» دەپ تەرىپلەنگەن بۇخارا قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى؛

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ)دە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياخشى دوستلۇق ئەلچىسى ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى؛

...

بۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە قويۇق دوستلۇق تولىمۇ قىممەتلىك بولدى −

قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف رەئىس شى جىنپىڭغا ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنى بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جارى قىلدۇرغان تارىخىي خاراكتېرلىك رولى ۋە قوشقان غايەت زور تۆھپىسىگە قايىل بولدى؛

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزى بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛

تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنى دانا ھەم يىراقنى كۆرەر سىياسىيون دەپ تەرىپلىدى؛

جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان خاتىرە كۈندە جۇڭگودا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى تاللىغان تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدىغانلىقى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف رەئىس شى جىنپىڭنى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سىياسىيون ۋە قالتىس داھىي دەپ تەرىپلىدى، 001 نومۇرلۇق «ئەڭ ئالىي دوستلۇق» ئوردېنىنى رەئىس شى جىنپىڭغا بەردى؛

...

ئۇرۇق - تۇغقانلار ئېجىل ئۆتتى، قوشنا - قۇلۇملار ئىناق ئۆتتى. دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى قەتئىي قوللاپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «قوش ئۆلچەم» ۋە ھەرقانداق باھانە بىلەن باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى؛

ئورتاق بولۇش، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا ۋە «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغاشقا قۇترىتىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئورتاق خەۋپسىزلىك مەنپەئىتى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى؛

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ھۇجۇم قىلغاندا، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ناھايىتى يېقىن بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇق ۋە بۇزۇلماس ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىزاھلىدى...

«جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ 30 يىللىق ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرى بىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغانلىقىمىز، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتكەنلىكىمىز، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالغانلىقىمىزدا.» جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىدىكى سىياسىي كاپالەت ۋە كۈچ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» كەسىپ ۋە سېلىنما ھەمكارلىق مۇنبىرى، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» ئىقتىساد - سودا مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ 4 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى... بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك پائالىيەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، كۆپ ئۆلچەملىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى ئاكتىپ ئارزۇسى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش

«تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق باشلىنىش نۇقتىسىنى ئورتاق ئىزدەپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش»

2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونى. ئۇزاققىچە ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ 10 يىللىقى ئۈچۈن قاتنىغان چاڭئەن ناملىق شىئەن - ئوتتۇرا ئاسىيا مەخسۇس پويىزى ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى. مەخسۇس پويىزغا شىئەندە ياسالغان «بىيادى» ماركىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 260تىن كۆپرەكى قاچىلىنىپ، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يەتكۈزۈلدى.

شىئەن قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى جەزمەن ئۆتىدىغان جاي.

نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، قەدىمىي يىپەك يولى ئاسىيا - ياۋروپا - ئافرىقىدىدىكى نەچچە چوڭ مەدەنىيلىكنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىدىكى گۇۋاھچىغا ۋە ۋاسىتىگە ئايلاندى.

بۈگۈن، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىئەن يىغىلىش مەركىزى شىئەندىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىقلارغا بارىدىغان 17 غول لىنىيە يولىنى ئاچتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى 29 ئۆلكىدىن كەلگەن ماللار بۇ يەردە يىغىلىدىغان - تارقىتىلىدىغان بولدى، بۇ يىل 1 - پەسىلدىلا چاڭئەن ناملىق پويىز 1100 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى.

«چاڭئەن ناملىق پويىز» «يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «چىڭدۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا»... بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا نەزەر سالساق، «پولات كارۋانلار» ئۇچقاندەك توختىماي قاتناپ، نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىپ، شىئەن، يىۋۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جۇڭگودىكى شەھەرلەر بىلەن تاشكەنت، ئالمائاتا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەر ئارىسىدا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى سودىگەرلەر ئالاقە قىلىدىغان، بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىغان ئاۋات مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلدى.

2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا نۇتۇق سۆزلەپ، تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم، زور تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان بىر تۈرلۈك چوڭ ئىش باشلاندى.

2014 - يىلى 9 - ئاي، تاجىكىستان؛ 12 - ئاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان؛ 2015 - يىلى 6 - ئاي، ئۆزبېكىستان؛ 2023 - يىلى 1 - ئاي، تۈركمەنىستان − مۇشۇ بىرنەچچە يىلدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بەس - بەستە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلەتتى.

ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكىچە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىشقىچە، 10 يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بۈگۈنكى دۇنيادىكى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى.

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى −

2022 - يىلى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، بۇ يىللاردا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز تارىخىي خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا گەرچە دېڭىز - ئوكياندىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دوستلار «بىز جۇڭگوغا يېقىن، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازىرى بىزنىڭ دېڭىزىمىز» دېگەننى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىر - بىرىنى چۈشىنىپ ۋە يېقىن ئۆتۈپ، ئىناق بېرىش - كېلىش قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 1 -، 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام باشلىقلار مۇنبىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ «ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن پۇرسەت كۆزنىكى»نى ئاچقانلىقىنى قىزغىن تەرىپلىدى.

جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت ھالقىغان گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى ئۇزۇن تونېل «ئانگىرېن - پوپ» تۆمۈريول تونېلىغىچە، جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولغان جاناتاس شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنى قۇرۇشتىن «جۇڭگو يولى» دەپ ئاتالغان قىرغىزىستان يېڭى شىمال - جەنۇب يولىغىچە... تۈرلۈك «بىرىنچى» «ئەڭ چوڭ» نۇقتىلىق تۈرلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت ھەمراھلىق دوستلۇقىغا جانلىق ئىزاھات بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇغداي، دادۇر، قۇرۇتۇلغان مېۋە، مېۋە - چېۋە، كالا - قوي گۆشى قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىردى، جۇڭگو − ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق فوندى، يىپەك يولى فوندى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ئورناتقان ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەرلىرى 62 جۈپكە يەتتى... «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدىن سىناق قىلىنىپ ۋە ئالدىن يولغا قويۇلۇپ، كىشىنى قايىل قىلدى.

«مەن چەت ئەللىك، لېكىن يات ئادەم ئەمەس.» 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرى، شىئەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، قازاقىستاندىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ما ۋېنشۇەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان جۇڭگولۇق بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بەس - بەستە ئاتلاندى. ئىخچام بىر جۈملە سۆز سانسىز جۇڭگولۇقنى تەسىرلەندۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئىچى ئالاقىسىدىكى يەنە بىر داستانغا ئايلاندى.

«كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان مۇشۇنداق ھېكايىلەر توپلىنىپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇش، قەلبداش بولۇشتەك تەسىرلىك سىمفونىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.» جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى چىن ۋە سەمىمىي ھېسسىياتقا تولدى.

ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەقدىرداش بولۇش

«جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش»

«ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىش» «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق بەلبېغى قۇرۇش» «تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەت قالقىنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» «كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان چوڭ ئائىلە بەرپا قىلىش» «تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان يەرشارى كەنتىنى قوغداش»...

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئالتە دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى چىقىش قىلىپ بەش نۇقتىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

دۇنيا ئۆزگىرىشى، دەۋر ئۆزگىرىشى، تارىخ ئۆزگىرىشى تېزلىشىۋاتقان، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى سىجىل كېڭىيىۋاتقان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنىڭ، زومىگەرلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

2022 - يىلى 1 - ئايدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى: «ئالتە دۆلەت بىر - بىرىنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش ئاساسىدا ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، نەتىجىسى مول، دوستلۇقى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئىرادە باغلىدى»؛

2022 - يىلى 9 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، «جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسى ۋە نىشانىغا قاراپ تىرىشىشنى خالايدۇ» «جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كەلگۈسى بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دوستلۇق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ»؛

2023 - يىلى 1 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

دۇنيا قانچە قالايمىقان بولغانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىتتىپاقلىقنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى شۇنچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، «تام قوپۇرۇش» ئەمەس، بەلكى «كۆۋرۈك سېلىش» كېرەكلىكىنى ئورتاق تەكىتلەپ، رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكى، ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بېغىشلايدۇ.

«ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ زەھەر ئېلىپ سېتىش، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ۋە توردىكى جىنايەتكە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغداش... جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇش، تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەت قالقىنىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى.

2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ 4 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك سىياسىي تەييارلىق قىلغان بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر كۈن بۇرۇن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن ئىجابىي مەزمۇندا تېلېفونلاشقانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، بۇنىڭ ئۇرۇشنى تېزدىن توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسىنى قوللاپ، خەلقئارا قانۇن روھىغا ئەمەل قىلىپ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئافغانىستان مەسىلىسىدىن ئۇكرائىنا كىرىزىسىغىچە، بىر قاتار خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تالاش - تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانى تىنچلىق، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرىدىغان، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان «چوڭ دۆلەتنىڭ قىياپىتى»نى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قۇۋۋەتلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئېچىۋېتىش قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە، شىئەن باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىقنى ياخشى قىلدى.

«بىر چوڭ ئىش» «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش» «رايون تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىش» «رايوننىڭ تىنچ، مۇقىم، گۈللەنگەن كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»... ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بەس - بەستە باشلىقلار يىغىنىغا بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىئەندىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىنگە ۋە زامانىۋى ھاياتىي كۈچكە تەڭلا ئىگە بولغان بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت تارىخنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتىگە يەنە بىر قېتىم گۇۋاھ بولىدۇ.

قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى. دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بوران - چاپقۇنلاردا ھەمسەپەر بولۇۋاتقان جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت مۇقەررەر دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

(مۇخبىرلار ليۇ خۇا، شۈ كې، جاۋ يەن، ما جويەن، يۈەن شۇەي، ياڭ يىمياۋ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)