جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى پۈتۈن دۇنياغا سۆزلەپ بېرىمىز

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

​− 10 - نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى پۈتۈن يەرشارىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ھەم مەسئۇللىرى بىرلەشمە دوستلۇق ئالاقىسىدىكى مۇھىم سۇپا. 10 - نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى بېيجىڭدا ئەمدىلا يېپىلىشى بىلەن، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر دەم ئالمايلا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى.

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىن ئىبارەت ئىككى جايدا شۇ جايدىكى ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى. ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇق.

ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بازار، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە شۇ جايدىكى چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئامما ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى بولدى.

قويۇق مىللىي خاسلىققا ۋە رايون مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇللارنىڭ ھەممىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا چوڭقۇر جەلپ قىلدى، ئۇلار مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى.

ئاپتوموبىل ئاسما كۆۋرۈكتە ئۇچقاندەك ماڭغاندا، شىنجاڭغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم كەلگەن ما جيەنبو چەكسىز ھاياجانلاندى.

ما جيەنبو تايلاندتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ شۇ جايدىكى چياۋمىنلار رەھبىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مول ئاساسقا ئىگە بۇ تۇپراقنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى غايەت زور ئىدى، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.

«ھەر قېتىم شىنجاڭغا كەلگىنىمدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىمەن.» ما جيەنبو ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىنى مىسال ئالساق، سەككىز يىل ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ جايدا ئېگىز بىنالار كۆپىيىپتۇ، يوللار ھەممە يەرگە تۇتىشىپتۇ، مېترو قاتناپتۇ، شەھەر بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپتۇ.

«بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىمنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولدى.» پانامادىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئۆزئارا ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن جىشىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چەت ئەللەردە «شىنجاڭدا بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى مەۋجۇت» دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆز ئىزچىل تارقىلىپ كەلدى، نەق مەيداندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن پاكىتنىڭ ئېقىپ يۈرگەن سۆزلەرگە تامامەن ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم.

«يېرىم كېچىدە كەچلىك بازارغا باردىم، ئۇ جاي ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەر ھاراق ئىچكەچ خۇشال پاراڭلىشىدىكەن.» بىرما جۇڭخۇا سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى لىن ۋېنمېڭ مۇنداق دېدى: مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەسچىتتە ھەممە ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆردۈم، ئايرىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىكىگە تامامەن ئوخشاشمايدىغان شىنجاڭنى كۆردۈم.

ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپتۇ

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچتە، تۇرپان چوڭ تىياتىرخانىسىدا بىر مەيدان قالتىس ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلانماقتا ئىدى. سەھنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى كۆزىنى ئۈزمەي ئويۇندىن ھۇزۇرلاندى ھەم ئۈزۈلدۈرمەي قىزغىن چاۋاك سادالىرىنى ياڭراتتى.

ئارتىسلار شوخ «نازىركوم» ئۇسسۇلىنى ئوينىغاندا، نەق مەيدان كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە سەھنىگە چىقىپ، بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى. شۇ ۋاقىتتا ناغرا ئاۋازى، مۇزىكا ئاۋازى، ئالقىش سادالىرى، چاۋاك سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بايا بىرلىكتە ئوينالغان «نازىركوم» تۇرپاندا بارلىققا كەلگەن، شەكلى كۆپ خىل، يەرلىك ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ھەم داڭلىق «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ تەركىبىي قىسمى، ھەم مۇستەقىل بولغان خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن شەكلى ئىكەن.

تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئاشۇ سۆزلەر، ھەمدە «مەدەنىيەتنى يوقاتتى» دېگەندەك ئاشۇ ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي پاكىتنى بۇرمىلىغانلىق، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق.

يارغول قەدىمكى شەھىرى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، كارىز قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، نورۋېگىيەدىن كەلگەن چياۋمىنلار رەھبىرى ما ليې مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، ئۇنىڭدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى بىللە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھىندونېزىيە كېجيا يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى شيې جىندې مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا سىغدۇرۇشچان بولغانلىقىدا. «مېنىڭ قارىشىمچە، سىرت(چەت ئەل)نىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلىغان خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق».

ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى يوقىتىش» دېيىشكە قارىتا مالايسىيادىكى چياۋمىن قېرىنداش خۇاڭ تيەنلۇڭ مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسىدە بولدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئۇنى شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسى ساقلىنىپ ھەم ناھايىتى ياخشى قوغدىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپتۇ.

«شىنجاڭ بىر ياخشى جاي» ئىكەن

ۋېنېزۇئېلا را ئۆلكىسى جۇڭخۇا ئۇيۇشمىسى سارىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ سىشيۇڭ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ سەپىرىدىن ناھايىتى رازى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشى، پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ماڭا نۇرغۇن ئىلھام بېغىشلىدى.

«شىنجاڭ بىلەن ۋېنېزۇئېلا بىر ئورتاقلىققا ئىگە، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ناھايىتى ئۇزاق، يامغۇرمۇ ئاز ياغىدۇ.» ۋۇ سىشيۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيەسى كەسپىدە چوڭ نەتىجىلەر يارىتىلىپتۇ، ئۇنىڭ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ۋېنېزۇئېلادا كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ، ئوتتۇرىدىكى ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكلۈكىنى ياخشى قىلىمەن.

چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە.

فىنلاندىيەدىن كەلگەن چياۋمىنلار رەھبىرى جۇ خەيلۇن «شىنجاڭ بىر ياخشى جاي»، بايلىقى مول، مەنزىرىسى كۆپ خىل، ئادىمىيەت جەھەتتە كۆپ مەنبەلىك دەپ ماختىدى. «مەن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، فىنلاندىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ خۇاچياۋ، خۇارېنلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا تونۇشتۇرىمەن».

شىۋېيتسارىيە شافخاۋسېن جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جيا كېجيې «بالىلىق چاغلاردىكى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىپ ھېس قىلغانلىرىنى تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلغىنى مەززىلىك تائاملار، گۈزەل مەنزىرىلەر بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر بولدى، بۇلاردىن مەن مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كاتتا مەنزىرىسىنى كۆردۈم ھەم چوڭقۇر تەسىرلەندىم.

مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا كۆپ مەنبەلىك ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادىتى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى تولۇق ھېس قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدالغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى مۇنداق بىلدۈردى: غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا ئۇچۇرلىرىنى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، بىز ئۆز كۆزىمىزگە ئىشىنىمىز، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز، پۈتۈن دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇشتۇرىمىز.