مۇز ئورەككە ئۈچ سائەت پېتىپ قالغان «قەيسەر ئات» ھايات قالدى!

日期:2022年12月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن) «ئۇ ھايات قالدى!» 79 ياشلىق كېرىپ بوۋاي ئاتنى سىلاپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا: «ئاخىرى بەرداشلىق بەردىڭ، مېنىڭ بۇرادىرىم!» دېدى.

12- ئاينىڭ 25- كۈنى، باغراش ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۇلان جېكسېن ساقچىخانىسى تەۋەلىكتىكى ئامما كېرىپنىڭ بىر ئېتى قايدۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى مۇز ئورەككە چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ياردەم سورىغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن خەلق ساقچىلىرى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش جابدۇقلىرىنى ئېلىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.

كېرىپ شۇ كۈنى 15 تۇياق ئاتنى ئوتلىتىۋاتاتتى، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەنىدى، ئۇ يىلقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوتۇن- چاۋار تېرىپ ئىسسىنىشقا تەييارلىق قىلدى، قايتىپ كەلگەندە ئاتنىڭ كىشنىشىنى ئاڭلاپ، ئاۋاز چىققان تەرەپتە بىر ئاتنىڭ مۇز ئورەككە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتنى تارتقان بولسىمۇ، ئات بەك ئېغىر بولغاچقا، ھەرقانچە قىلىپمۇ مىدىرلىتالمىدى.

خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، بوۋاي مۇز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مۇز سۈيىگە چىلىنىپ تۇرغان ئاتنى تىنچلاندۇرۇۋاتاتتى، خەلق ساقچىلىرى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش سايمانلىرىنى ئاتقا كىيدۈردى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، مۇز ئورەككە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق پېتىپ قالغان ئاتنى ئاخىرى قۇتقۇزۇپ چىقتى.

كېرىپ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاتنى قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. جاڭ شىياڭ فوتوسى

ئارقىدىن، خەلق ساقچىلىرى ئوت- خەس تېپىپ كېلىپ ئاتنىڭ يېنىغا قويۇپ ئوت يېقىپ ئاتقا ئىسسىق ئۆتكۈزدى، كۈن بارغانسېرى قاراڭغۇلاشتى، خەلق ساقچىلىرى ئىزچىل كېرىپقا ھەمراھ بولۇپ گۈلخان يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. «ئۇ ھايات قالدى!» كېرىپنىڭ خۇشاللىق بىلەن ۋارقىرىغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئات ئاستا ئورنىدىن تۇردى، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى ئاخىرى جايىغا چۈشتى.

چارۋىچىلىق مەيدانى ئەتراپىدا كېرىپنىڭ بىر بوش ئۆيى بار ئىدى. خەلق ساقچىلىرى بوۋاي بىلەن يىلقىنى قوغداپ ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن خاتىرجەم ئايرىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە، كېرىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاتنى ئۆيگە ئەكىرىپ داۋاملىق ئىسسىق ئۆتكۈزدى. 26- چېسلا سەھەردە، ئۇ يىلقىنى ھەيدەپ ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆيىگە قايتتى، بۇ ئات ئاللىقاچان ئات توپىنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ، ئۆيگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.