پامىر قارلىق تېغى ئېتىكىدە كاڭدىكى تۈن پاراڭلىرى

日期:2022年12月28日
来源:天山网
【字体:

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ خۇڭشيا، ياڭ جەنفېي، شاۋ يىبو

ئابدۇجامىر نۇسرەتنىڭ ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقاندا، لەرزان ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەمىن ئۆيدىكى كاڭدا سەككىز - توققۇز ئادەم چۆرىدىشىپ ئولتۇرغان بولۇپ، بىر قىرغىز تاغا مىللىي چالغۇ قومۇزنى چېلىپ خۇشال ھالدا ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. كاڭ يېنىدىكى ئوچاقتا ئەتكەن چاينىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.

بۇ يەر دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگراسىغا جايلاشقان پامىر ئېگىزلىكى. ئابدۇجامىرنىڭ ئۆيى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى بۇلۇڭكۆل كەنتىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3300 مېتىر ئېگىز، تۆت ئەتراپىنى يىل بويى قارلىق تاغ ئوراپ تۇرىدۇ.

ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك خۇشال بولۇپ چاۋاك چالدى. كاڭنىڭ بىر بۇرجىكىدە بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 33 ياشلىق شۇجىسى لى ۋېنجۈەن ئولتۇراتتى. 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، ئۇ بۇلۇڭكۆل كەنتىگە زىيارەتكە كەلگەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى بۇنى ئاڭلاپ، لى ۋېنجۈەننى ئۆزلىرىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ بېرىشكە قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

«بايا ناخشىنى بەك يېقىملىق ئېيتتىڭلار، بۇ يىلقى ھوسۇل قانداقراق؟ يامان ئەمەستۇ؟» دەپ سورىدى لى ۋېنجۈەن.

ئۆي ئىگىسى ئابدۇجامىر مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزدە ئىككى چېگرا قوغدىغۇچى بار، ھۆكۈمەت ھەر ئايدا تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، 30 نەچچە قوتاز باقتىم، يەنە ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتىم، بۇ يىل ئائىلىمىزدىكىلەر كىشى بېشىغا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق. كېلەر يىلى قوتازلارنى 40 - 50كە يەتكۈزىمىز، كىشى بېشىغا 25 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«سىلەر ئائىلىۋى مېھمانخانىمۇ ئېچىپسىلەردە؟ بەك ياخشى بوپتۇ!» لى ۋېنجۈەن سەل ھەيران قالدى ھەم ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇنى قىرغىز تىلىدا «ناھايىتى ياخشى» دەپ ماختىدى.

كەچتە زىيارەت قىلغان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى ۋېنجۈەن يېزىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلىدى.

«يېزىمىزدىكى بىر چوڭ كەمتۈكلۈك شۇكى، كەسىپ تەرەققىياتى دېگەندەك چوڭقۇر ئەمەس، پەقەت قوتاز گۆشى، سوغۇق سۇ بېلىقى سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدۇق.» بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى قۇربانئېلى مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: «بىز كېيىنكى قەدەمدە چارۋىچىلىق بايلىقى، تەبىئىي بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەتچىلىكنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

بۇلۇڭكۆل يېزىسى تىپىك چېگرا يېزىسى، چارۋىچىلىق رايونى يېزىسى. كەنت ئاھالىلىرى بېشىنى كۆتۈرسىلا «مۇزتاغ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان مۇزتاغ چوققىسىنى كۆرەلەيدۇ، يېقىن ئەتراپتا بولسا خېلى نامى بار بەيشاخۇ كۆلى بار. يېزىدىكى چارۋىچىلار قوتاز قاتارلىق چارۋىلارنى بېقىش بىلەن بىللە، ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتىگە پائال قاتناشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرانى قوغداشتىن مۇقىم كىرىم قىلغاچقا، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد تۇغۇلدى.

ئائىلىسىدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچقانلار، بالىلار داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەھەردە قېلىپ شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلار، يېزىدا ئىشلەيدىغانلار... بۇ چېگرا يېزا بازىرىدىكى نۇرغۇن ئائىلىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بار بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا.

ئۇنداقتا كېلەر يىلى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېيىلدى، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر پۇڭ - بىر پۇڭدىن ھېسابلاپ چىقىلغان.» لى ۋېنجۈەن قەدەم باسقۇچلۇق يېتەكلەپ مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، سۇباش كەنتىدىكىلەر ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئاق قوتازغا مىنىپ سەيلى قىلىش تۈرىگە تايىنىپ بىر كۈندە 500 يۈەن تاپالايدۇ، بىر يىلدا ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى، بەزى يۇرتداشلار 90 مىڭ يۈەن تاپالايدۇ».

«شۇنداق، كېلەر يىلى بىزمۇ سىناپ باقايلى، قوتاز گۆشى يېيىش، قوتاز كۆرۈش، قوتازغا مىنىشنىڭ ھەممىسىنى ياخشى پىلانلايلى».

«بىزنىڭ مىللەت خاسلىقىمىز بولغان <ماناس> ئېيتىشىشىنىمۇ ساياھەتچىلەرگە ياخشى نامايان قىلىشىمىز كېرەك».

«كەنتىمىزدە تاش ئەڭ كۆپ، كېيىن ئۆزگىچە <تاشتا سېلىنغان ئائىلىۋى مېھمانخانا> ئېچىشنى ئويلىشىپ باقامدۇق - قانداق؟»

...

يۇرتداشلار ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىدى. ھويلىنىڭ سىرتىدا، ئانچە چوڭ بولمىغان كەنت تىپتىنچ، خاتىرجەم بولۇپ، ئۇ يەر - بۇ يەردىكى چىراغ نۇرلىرى قەھرىتان سوغۇق ئېگىزلىكتىكى كېچە مەنزىرىسىگە ئىللىق تۈس قوشقانىدى. ئۆي ئىچىدە، ئىسسىق مەشنىڭ يېنىدا، كۆپچىلىكنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۆي ئىگىسىنىڭ توققۇز ياشلىق كىچىك قىزى ئايكېرىم ئابدۇجامىر چوڭلارنىڭ ئارىسىدا ئېڭىكىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان بولۇپ، كۆزلىرى چاقناپ، خۇددى ئۆزىنىڭ كېلەر يىللىق نىشانى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك ... پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى. پارتىيە ۋەكىلى بولغان لى ۋېنجۈەننىڭ بېيجىڭدىن چېگرا رايونغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى «بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى» پۇقرالار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولدى.

يېرىم كېچە بولۇپ قالدى، زىيارەتمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى، كەنت ئاھالىلىرى ئىللىق ئوچاق بېشىدىن ئايرىلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. قىش ئوتتۇرىسىدىكى پامىر ئېگىزلىكىدە يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى. يۇرتداشلارنىڭ قەدىمى يەڭگىل ھەم مەزمۇت ئىدى...

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)